يېقىندا «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن ياش ئۇيغۇر ئىجادكارلىرىنىڭ «ئارزۇ بۇلاقلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى يورۇق كۆردى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى «جانان» خانىم-قىزلار فوندى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر توپلامنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 15 باسما تاۋاقنى تەشكىل قىلىدۇ. توپلام قازاقىستاندىكى ياش ئۇيغۇر ئىجادكارلىرىنىڭ «ۋارىس» ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نەشر قىلىندى. كىتابتا 20 دىن ئوشۇق ياش شائىرنىڭ بۈگۈنكى ھايات، ئاتا-ئانا، دوستلۇق، مۇھەببەت، ئانا جۇت، ۋەتەن ۋە باشقىمۇ ماۋزۇلاردىكى ئەسەرلىرى ئورۇن ئالغان.
«ئارزۇ بۇلاقلىرى» توپلىمى خەلقئارا «ئالاش» مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىتابنىڭ «قەلەم-دۇنيانىڭ ئىززىتى» دەپ ئاتالغان كىرىشمە قىسمىدا ۋىليام مولوتوف، شائىرەم باراتوۋا، ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف، مولۇتجان توختاخۇنوف، زوھرا ئىسىدۇللائېۋا قاتارلىق ئىسمى كەڭ كىتابخان ئاممىسىغا ياخشى تونۇش ھەمدە ئايرىم توپلاملىرىنى نەشر قىلىپ ئۈلگۈرگەن ياش ئەدىبلەرنىڭ بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت خىراجىتىگە نەشر قىلىنىۋاتامدۇ؟ ھازىر قازاقىستاندىكى ياش ئۇيغۇر ئىجادكارلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى ھازىر قازاقىستاندا ئەڭ ياخشى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەرلەر دۆلەت ھېسابىغا نەشر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يازغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ مۇنداق مۇمكىنچىلىكتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىراق ھەممىسىنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت مەبلىغى بىلەن چىقىۋاتقىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ چىقىشى سەل سۇسلىشىپ قالدى. بىزنىڭ قازاقىستاندا ئىجاد قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە يازغۇچى بولىمەن دېگەن ئارمان بار. بىراق بۇ ئارمانغا ھەممىسى يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي تالانتتا، خەلقنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ۋە باشقا مەسىلىلەردە ياشلىرىمىز دېگەندەك دەرىجىدە ئەمەس. بىراق ئەدەبىياتىمىزدا ھېچ نەرسە يوق، ۋارىسلىرىمىز يوق دېيىشتىن بىز يىراق.»
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 20 دىن ئوشۇق ياش ئىجادكارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر، قازاق، رۇس تىللىرىدا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئايرىم توپلاملاردا يورۇق كۆرمەكتىكەن. ئەمما ياشلار ھازىر كۆپلىگەن ئېغىرچىلىقلارغا، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ئايرىم ياشلارنىڭ كىتابلىرى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «ئارزۇ بۇلاقلىرى» ئوخشاش كىتاب مۇنداق ھەجىمدىكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ئىكەن.
ئەخمەتجان ھاشىرى مەزكۇر توپلامغا كىرگەن ئەسەرلەرنىڭ بىر خىل جەلپ قىلىش كۈچى، يېقىملىق ساداسى، يېڭى پىكىرلىرى، قايناق لىرىك ھېسسىياتى بىلەن كىتابخاننى بىردىنلا ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغانلىقىنى، ھەر بىر شېئىرنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي قۇرۇلمىغا، ئۆزىگە خاس ماۋزۇغا، پوئېتىكىلىق تىل سەنئىتىگە، بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە شېئىرلارنىڭ ماۋزۇ جەھەتتىنمۇ خىلمۇ-خىل ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ۋەتەن، مىللەت تەقدىرى ماۋزۇسىنىڭ ياشلار ئىجادىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ۋەتەن-ھەر بىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان يېرى. مەسىلەن قازاقىستاندا قازاقىستان بىزنىڭ ۋەتىنىمىز دەۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ۋەتىنى بار. بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. مەسىلەن، ھازىر تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئەگرى-توقايلىقلار كۆپ بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ياشلار بۇنى چۈشىنىۋاتىدۇ.»
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ھەر بىر قازاقىستانلىق يازغۇچى، شۇ جۈملىدىن ياش يازغۇچىلار ئىجادىدا ۋەتەن ماۋزۇسى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. ئۇ پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن سىرت دۆلەتلەردىمۇ ياخشى تونۇلغان زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، دولقۇن ياسىن، خېلىل ھەمرايېف ئوخشاش ئاتاقلىق شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇ ماۋزۇنىڭ يېتەكچى ماۋزۇ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياش شائىر مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، ھازىرقى ياشلار ئەنە شۇ ئاتاقلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتىكەن. ئۇ ۋەتەن، مىللەت تەقدىرى، ئانا تىلى مەسىلىلىرىنىڭ ياشلار ئۈچۈنمۇ مەڭگۈ ماۋزۇ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنى ئۆز ئىجادى بىلەنمۇ تەستىقلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىجادىمدىمۇ بۇ ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى ئەدەبىيات شۇ مىللەتنىڭ ھايات ئەينىكى. بۇ ئەدەبىياتتا، مەيلى پروزىدا بولسۇن، مەيلى شېئىرىيەتتە بولسۇن، بۇرۇندىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ماۋزۇلارغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. تارىخىي ۋەتىنىمىزدە بۈگۈن بولۇۋاتقان ئەھۋاللار ياش ئىجادكارلارنى تەۋرەندۈرمەي قالمايدۇ. بۇ بۈگۈن ئاساسىي ماۋزۇلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى دېسەم ئاشۇرغان بولمايمەن.»
مولۇتجان توختاخۇنوف ئۆزىنىڭ «ۋەتەننى سېغىنىش»، «كۆك بايراق»، «سېغىندىم» ئەسەرلىرىنىڭ، باشقا ئەدىبلەردىن، مەسىلەن، شائىرەم باراتوۋانىڭ «گەر كۆرمىسەم»، «سېغىنىش ئوتى»، ۋىليام مولوتوفنىڭ «ئازادلىق ناخشىسى» شېئىرلىرىنىڭ مەزكۇر ماۋزۇغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مولۇتجان توختاخۇنوف «ئارزۇ بۇلاقلىرى» توپلىمىنى تەييارلاشتا بولۇپمۇ ئەخمەتجان ھاشىرى، تېلمان نۇراخۇنوف، گۈلنارە ئاۋۇتوۋا ئوخشاش چوڭ شائىر-يازغۇچىلارنىڭ كۆپ ياردەم كۆرسەتكەنلىكىنى، ياشلارنىڭ دائىم ھۆكۈمەتنىڭ، چوڭلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كىتابقا ھامىيلىق قىلغان «جانان» فوندىغا چوڭ مىننەتدارلىق ئىزھار قىلدى.
0:00 / 0:00