تارىختىن مەلۇمكى، 1945-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ئازادلىق كۈرىشىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجىدا قانلىق جەڭلەر كېتىۋاتاتتى. مۇستەقىللىققا ۋە ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان قوزغىلاڭچىلار خىتاينىڭ گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى جەڭلەردە قەھرىمانلىقنىڭ ئەجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق ئارمىيە گېنېرالى زۇنۇن تېيىپوف ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1945-يىل كىرىپ كەلدى. غۇلجىدىكى ئۆزگىرىشچان كلىماتنىڭ ئەڭ سوغ قىشى مۇشۇ يىلغا توغرا كېلىپ قالغان ئىدى. دېھقانلار ‹قان تۆكۈلگەن يىلى قاتتىق سوغ بولىدۇ› دېگىنى راست گەپ ئىكەن دەپ ئۆز-ئارا سۆزلىشەتتى. قار ناھايىتى قېلىن ياغدى. ئىنقىلاب ھەرىكىتى كېڭىيىپ، كەڭسايغا بارىدىغان يوللار خاتىرجەم مېڭىشقا بولىدىغان بولۇپ قالدى.»
ئەمما كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۇجۇقتۇرۇش پىلانىنى پەيدىن-پەي ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشتى. ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇلار ئارىسىدا دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا ۋە باشقىمۇ يوشۇرۇن كېلىشىملەر ئىمزالاندى. نەتىجىدە سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىلىك يۈرۈشىنى ماناس بويىدا توختىتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن 11 ماددىلىق بىتىمگە كېلىشىشكە مەجبۇرلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ساتقۇنلۇق سىياسىتىنى 1949-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى جىسمانىي يوقىتىش بىلەن يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 82 ياشلىق رەشىدىن ئاكا مەمەتنىيازوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.