ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-04-18
Share
kariz-tetqiqat-xerite.jpg ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا كۆرسىتىلگەن «ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 17-ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

17-ئاپرېل كۈنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا «ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

تونۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى ئىشلىگەن مەزكۇر فىلىمدا تۇرپان كارىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ پائالىيەتنى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە فاكۇلتېت مۇدىرى، ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم باشلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ھۆججەتلىك فىلىم باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور دوكتور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەشھۇر ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كارىزلىرى توغرىسىدا ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرىمىز. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتقان كارىز ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولىمىز. بەشبالىق ۋە تۇرپان رايونى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۆتىڭى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ مۇھىم. دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى كارىزلار توغرىسىدىكى فىلىم ئىشلەش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن سىبىرىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدىمۇ ھۆججەتلىك فىلىملار ئىشلىدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىملار تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇرۇنقى تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بۇ ھۆججەتلىك فىلىملىرىنىمۇ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدۇق. دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندىنىڭ سۇ مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىشلىگەن كۆپ ساندا ھۆججەتلىك فىلىمى بار. بىز بۈگۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر كارىزلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز».

كېيىن «ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر كارىزلىرىغا قىزىقىپ قېلىشىدىكى سەۋەب توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بارغان جايلاردا ۋە بىز كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇغان تارىخ كىتابلىرىدا، تۈركلەر توغرىسىدا: ‹تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرغاقچىلىق بولغاندىن كېيىن غەربكە قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان. تۈركلەر كۆچمەن، چېدىردا ياشايدىغان، پادىچى ۋە جەسۇر بىر مىللەت› دەپ يېزىلغان. بىزگە مۇئەللىملىرىمىز مۇشۇنداق ئۆگەتكەن. مەن تۈركىيەنىڭ ئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ گۆبەكلىتەپە دېگەن جايدىكى، مەرسىن توروس تاغلىرىنىڭ باغرىدىكى ۋە تۇرپاندىكى كارىزلارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيران قېلىپ، بىز ئۆزىمىزنى خاتا چۈشىنىدىكەنمىز، باشقىلار بىزنى خاتا چۈشەندۈرۈپتۇ دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بىز تۈرك قان سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر تارىختا كارىزغا ئوخشاش سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر مىللەت ئىكەنمىز دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن كارىزلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى قارار قىلدىم».

دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى ئۇيغۇر كارىزلىرىنىڭ 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۇنجى قېتىم تۇرپانغا بارغان ۋاقتىمدا كارىزلارنىڭ 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دېگەن ئىدى. ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. 2010-يىلى تۇرپانغا بارغان ۋاقتىمدا مۇتەخەسسىسلەر توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر كارىزنىڭ ئىچىدىن 3 جەسەت چىققانلىقىنى، بۇ مۇمىيانى تەھلىل قىلغىنىدا 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى دېدى. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مۇندىن 5 مىڭ يىل ئىلگىرى تەڭرىتاغلىرىدىكى قار مۇزلار ئېرىگەن سۇنى تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئاستى ئارقىلىق تۇرپان ئويمانلىقىغا باشلاپ ئېتىز، باغ ۋە بوستانلىرىنى سۇغۇرغان ۋە ئىچىملىك سۇ سۈپىتىدە قوللىنىشقا باشلىغان. دېمەك غەربتە تېخى شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلمىغان چاغلاردا تۇرپاندا شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلۇپ، سۇغۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلغان».

رېژىسسور دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتقىدا ھازىرغىچە ئۇيغۇر كارىزلىرى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ۋە كىتاب يازغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۇنجى قېتىم 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچى ۋە تۇرپانغا بارغان ئىدىم. ئۇ چاغدا ‹ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر› ناملىق ساياھەت كىتابىمنى يازدىم. ئارقىدىن ‹تۇرپان كارىز جەننىتى› ناملىق كىتابىم نەشر قىلىندى. ئۈچىنچى بولۇپ ‹مەدەنىيەت گۆھىرى كارىزلار› ناملىق كىتابىمنى يازدىم. بۇلاردىن باشقا بۇ ھەقتە ماقالىلىرىممۇ ئېلان قىلىندى».

فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىكروفونىمىزنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزاتتۇق. دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان نۇرىيە سارىباي خانىم تۇرپان كارىزلىرىنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، بۈگۈن بۇ ھەقتە كۆپ مەلۇمات ئىگىسى بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۇرپان كارىزلىرىنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. توك ۋە تېخنولوگىيە يوق بىر دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى قۇرغانلىقىغا ھەيران قالدىم. تۇرپان كارىزلىرى يەر ئاستىدىكى سەددىچىن دەپ ئاتىلىدىكەن. كارىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى 110 مېتىر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىلىرىدىن بىرى ئىكەن.» مىكروفونىمىزنى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگىلى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئۇزاتتۇق.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى تۇرپان كارىزلىرى توغرىسىدا يازغان 3 كىتابىغا قول قويۇپ تارقاتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.