«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» دېگەن نامدىكى يېرىم يىللىق ئىلمىي، سىياسىي، تارىخىي، ئەدەبىي ژانىردىكى ئۇنىۋېرسال ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى 2016-يىلى 6-ئايدا ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» نامىدىكى ژۇرنالنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «‹شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى› ژۇرنىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا قىزغىن سالام يوللايدۇ. ژۇرنىلىمىزنىڭ سەھىپىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ژۇرنىلىمىزدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي، ئىلمىي، سىياسىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر نەشر قىلىنغاننىڭ سىرتىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، بىز بىلىشكە ۋە خەۋەردار بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتە ئۆتكەن پېشقەدەملىرىمىزنىڭ يېزىپ قالدۇرغان تارىخىي ئەسلىمىلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىدۇ. ژۇرنىلىمىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە ياش ئەۋلادلىرىمىزغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەمدە ئۇيغۇر تارىخىي، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئىسلام ئەدەبىياتى ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر ۋە چۈشەنچە بېرەلىسە، بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز ئىشقا ئاشقان بولىدۇ.»
160 بەتلىك بۇ ژۇرنالنى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل نەشرگە تەييارلىدى. بىز بۇ ژۇرنال توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە نەشرگە تەييارلىغۇچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» نامىدىكى ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى كىرىش سۆزدىن باشقا رامىزان ئېيى تەبرىكنامىسى، مىركامىل قەشقەرىنىڭ «ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى»، دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى، مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم نەشرگە تەييارلىغان، «ئىمان ۋە مۇھەببەتكە تولغان بىر ھېكايە»، دېگەن روماننىڭ ئارىيە تەرجىمىسى، پروفېسسور دوكتور بەدرى گەنجەرنىڭ «ئىنساننىڭ جەننەتتىن ئىككىنچى قېتىم چۈشىشى» دېگەن ماقالىسى، كوممۇنار تالىپنىڭ «مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى» دېگەن ماقالىسى، سەۋدايىنىڭ «قان ئىچىدىكى بوۋاق» تېمىدىكى پوۋېستى. مېخائىل درومپنىڭ «تۈركلەر تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگو خاقانلىرى» دېگەن ماقالىسى، ھەسەن ھۈسەيىن ئادالىئوغلىنىڭ «سىياسەتنامە كىتابى-قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىز يەنە بۇ ژۇرنال توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ژۇرنالنى ئوقۇپ چىققان ئۇيغۇر زىيالىي مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» دېگەن ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي، ئىلمىي، تارىخىي ۋە ئەدەبىي جەھەتلەردە قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.