23-ئۆكتەبىر گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» دا ئىلھام توختى ۋە بۇزەينەپ مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان «ئۇيغۇر كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ روتتېردام شۆبىسى بىلەن روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا 23-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ رېستوراندا «ئۇيغۇر كۈنى» پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.
«ئۈرۈمچى رېستورانى»نىڭ خوجايىنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى زەينىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەرگەندە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گوللاندىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
پائالىيەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار سۆزلىرىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەردى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئاڭلاتتى. د ئۇ ق باش كاتىپى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى روتتېردام شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئادرېننې خانىم ھەمدە نىكو ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى روتتېردامدا ۋە پۈتۈن گوللاندىيەدە تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى، بۇزەينەپ قاتارلىق ناھەق قامالغان شەخسلەرنى تىپىك مىسسال سۈپىتىدە تۇتۇپ پائالىيەت قىلىشنىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«ئۈرۈمچى رېستورانى» خىزمەتچىسى، زەينىدىننىڭ ئىنىسى قەھرىمان ئەپەندىمۇ 23-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلدى. زەينىدىننىڭ ئايالى راھىلە بارات خانىممۇ بۇ پائالىيەتتىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
زەينىدىن ئەپەندى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نى 2015-يىلى روتتېردام شەھىرىدە ئاچقان بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن رېستوران خىزمىتىنى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00