«ئۈرۈمچى رېستورانى» روتتېردام كوچىلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.05.28
urumchi-restorani-leghmen.jpg «ئۈرۈمچى رېستورانى» روتتېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى بويىچە شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋات بىر كوچىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنى نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلدى. 2018-يىلى 27-ماي، گوللاندىيە.
RFA/Ekrem

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» غەربىي ياۋروپادا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا كۆزنەكلىك رول ئوينىماقتا.

27-ماي كۈنى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» روتتېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى بويىچە شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋات بىر كوچىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنى نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

«ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يۈزدىن ئارتۇق يەرلىك گوللاندىيەلىكلەر بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە داخىل بولغان. ئۇلار نەق مەيداندا ئۇيغۇرچە لەغمەن، پولۇ، كاۋاپ قاتارلىق ئەنئەنىۋى تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئۆز مەمنۇنىيەتلىرىنى ئىزھار قىلىشقان.

زەينىدىن تۇرسۇننىڭ ئىنىسى قەھرىمان تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك كۆرمەزمە سورۇنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان يەرلىك گوللاندىيەلىكلەر ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھازىرلىنىش جەريانىنى نەق مەيداندا تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق كۆرگەن. ئۇلار ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى سوراشقان.

زەينىدىن تۇرسۇننىڭ ئايالى راھىلە خانىم نەق مەيداندا لەغمەن سوزۇش ماھارىتى كۆرسىتىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. نەق مەيداندا كۆزىتىپ تۇرغان يەرلىك ئاھالىلەر لەغمەننىڭ ئېتىلىش جەريانىنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ خىل تائام مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپلىگەن چۈشەنچىلەرگە ئېرىشكەن.

«ئۈرۈمچى رېستورانى» بۇندىن 3 يىل بۇرۇن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى تەرىپىدىن روتتېردام شەھىرىدە ئېچىلغان. ئىلگىرى بۇ رېستوران نامىدا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش مەزمۇن قىلىنغان كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. زەينىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىن مەزكۇر رېستوراننى سەھنە قىلىپ، كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان پائالىيەتلەرگە ھازىرلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

راھىلە خانىم بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى تەييارلاشتىكى ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن يەرلىك گوللاندىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەرلىك گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشلىرىدىن ئۆزىنىڭمۇ ھەيران بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. قەھرىمان تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى يېمەكلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا بىر ئالاھىدە كۆزنەك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. ئۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى خادىملىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گوللاندىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش يولىدا بىر قاتار تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.