5-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى كۆرگەزمىسى ۋە بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىگە بېغىشلانغان مەخسۇس كەچلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشقا ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە قوشنا شتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەمدە بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى قاتناشتى. يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە مەخسۇس توختالدى ھەمدە بۇ ئەھۋالنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت كۈنسېرى ئېغىرلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى» بىرلىكتە 5-مارت كۈنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن ئاجرىتىلغان يىغىن زالى كەچ سائەت بەشتىلا مېھمانلارغا لىق تولدى. زالنىڭ بىر تەرىپىدىكى كۆرگەزمە ئۈستىلىگە تىزىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى سىمۋوللۇق ئامىللاردىن بولغان ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، قول-ھۈنەر بۇيۇملىرى، ماي بوياق رەسىملەر تەبىئىي رەۋىشتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە جانلىق ۋە ئەمەلىي ئۇچۇرلاردىن مەلۇمات بەرسە، تامدىكى چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزوردا قايتىلانما شەكىلدە كۆرسىتىلىۋاتقان كۆپلىگەن رەسىملەر ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلىرىنى روشەن نامايەندە قىلماقتا ئىدى. زالنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بولسا ۋىرىگىنىيە، مارىلاند ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى تۈجۈپىلەپ تەييارلىغان رەڭگارەڭ ۋە لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرى رەت-رېتى بىلەن تىزىلغان ئىدى.
پائالىيەت رىياسەتچىسى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئالدى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى ھەمدە بۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ رەڭگارەڭ ئۇيغۇر تائاملىرىدىن زوق ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ۋە ئالاقىدار بېسىملار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن شەخسلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن نۇرى تۈركەل بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مارشى ۋە «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كۆپچىلىكنى ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن سۆزگە چىقىپ، ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا، شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدىن كەلگەن ئالاھىدە مېھمانلارغا ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ھازىر تولىمۇ خەتەرلىك بىر ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئېتنىك تازىلاش» نىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق ھالقىلىق ئەھۋالدا چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى بولغان بارچە ھاكىمىيەت سىستېمىلىرىنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلىنىپ بولغانلىقى، بولۇپمۇ چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونتروللۇق ۋە نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى، نەتىجىدە ھازىر «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش» نىڭ سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە تولۇق خىتايلاشتۇرۇشتەك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى مەجبۇرىي ۋە ئاشكارا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ناۋادا دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋەرسە بۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھالاكىتىگە سۈكۈت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ مۇھاكىمە قىسمىغا قاتناشقانلار ئارىسىدا چەتئەللەردە چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىشى يىغىن ئەھلىنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. ئەنە شۇنداق ياشلاردىن ئىرادە كاشغەرى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزىگە ئوخشاش ياشلارنى ھەقىقەتەنمۇ «تەلەيلىك» دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە ئىنسانلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى چۈشەنچىسىنى ھەمدە دۇنياغا بۇنى بىلدۈرۈشتىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىرادەگە ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يەنە بىرى، مەخسۇس بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئاۋسترالىيەدىن ئۇچۇپ كەلگەن شەھرىزات غەيرەتمۇ سۆز قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى كرىزىسى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىشىغا يول ئېچىش ئۈچۈن بار كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا بىلىپ-بىلمەي ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ تەشۋىشكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك يەنىلا ئائىلە تەربىيەسى، ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇش، ئاۋسترالىيەدىكى مەكتەپ مۇھىتى ھەمدە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ياردىمىدە ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتىدىن تېپىۋالغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ ئەركىنلىك ۋە باشقا كۆپلىگەن پۇرسەتلەرگە تويۇنغان مۇھاجىرەت مۇھىتىدا بۇنى تامامەن قىلالايدىغانلىقىنى ھەمدە شۇنداق قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيمىس مېكگوۋېرن سۆز ئېلىپ، ئۆزى رەئىسلىك قىلىۋاتقان «توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى» نىڭ مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەر بىر شەخس بىلەن ئىزچىل تۈردە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا ھەمكارلىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى مۇھاكىمە نۇتۇقلىرىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتقاچ، بۇلاردىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئاخىرىدا بۇ خىل ھالەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۆملۈكتە ئىش كۆرۈش، شۇ ئارقىلىق ھەممىلا تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش، شۇنچە سۈلكەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شۇنداق ئوڭايلا يوق قىلىۋېتىشكە يول قويماسلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەرقانداق مىللەتنىڭ تۈپلۈك ھوقۇقلىرىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس قاتارلىقلار سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار بىر تارىخىي كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى يوقىتىش ھەرىكىتىنى توسۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن مېھمانلار ھەمدە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ھەرقايسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خالىس تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇر يېمەكلىرىگە ئېغىز تەگدى ھەمدە ئۆزئارا قىزغىن سۆھبەتلەردە بولدى.
ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكىنى تەشكىللەشتە زور كۈچ سەرپ قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ پائالىيەت ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە زور ئىجابىي قىممىتى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يىراق جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار قاتارىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھۇلىنى سالغۇچىلاردىن پېشقەدەم ئۇستاز غۇلامىدىن پاختا ئاكا، خەلقئاراغا تونۇلغان تېببىي دورا پەنلەر ئالىمى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرى رەئىسى رىشات ئابباس، نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي مەركىزىدىن دوكتور مەمەت ئىمىن، كانادانىڭ ئېدمونتون شەھىرىدىن كەلگەن مۇكەررەم خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنىڭدەك مەخسۇس ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىن مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن كەلگەن ئاينۇر ھاشىم ھاجى قاتارلىق مېھمانلارنىڭ كۆزگە چېلىقىشى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەرقاچان ھەمدەرتلىك بىلەن ئىش قىلالايدىغان روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.