كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» دېگەن نامدا خىتاي مەدەنىيىتىنى زورلاپمۇ سىڭدۈرەلمەيدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «دۆلەت تىلى» دېگەن نامدا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلى مائارىپىنى دەسسىتىپلا قالماي، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت بالىلىرىغا يەنىمۇ ئاشكارا ۋە چوڭقۇرلىغان ھالدا تۈرلۈك شەكىللەردە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلىرىنىڭ تىل ۋە دىنىي ئېتىقاد بىلەن چەكلىنىپ قالماي يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، سەنئىتى، كلاسسىك ئەدەبىياتى قاتارلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تۇرمۇش ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگىچە خىتايدىن پەرقلىق بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەنقىدلەنمەكتە.

بۇ ئەھۋاللارنى يەنە خىتاينى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسسىسلەرمۇ: «بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ خىللىقىنى رەت قىلىش»، دەپ تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان 13 ‏-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكى» نى كۈچەيتىش تەرغىباتىدىن بۇ خىل مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ۋە قاتتىق شەكىللەردە داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئاقسۇدىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەيدىغان «دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى» نى قۇرۇپ تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلانغان قۇربان نىياز بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا مائارىپ ساھەسىنىڭ ۋەكىل سۈپىتىدە قاتناشقان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ يەكشەنبە تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-مارت ئېچىلغان ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى 1-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا، قۇربان نىياز ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا، خىتاي تىلىنى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشتە خىتاي كلاسسىك شېئىر-نەزمىلىرىنى ئۆگىتىش، خىتاينىڭ جىڭجۇ، ئېرخۇ، ھۆسنىخەتلىرىنى دەرس قىلىپ ئۆتۈش، خىتاينىڭ مىللىي بايراملىرىنى بىللە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۈنۈم ياراتقانلىقىدىن ماختىنىپ: «رەئىس شى جىنپىڭ، ‹يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىغاندا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرەلمەيدۇ، راۋاجلىنالمايدۇ› دېگەن شۇڭا بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە، ھەر بىر يېزا قىشلاق، ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە ئېلىپ كىرىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئارقىدىن خوتەن لوپ ناھىيەسى مائارىپ ساھەسىدىن كەلگەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەسلى مائارىپى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ يېن، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلاردىن باشلاپ سىڭدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بولسا جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جان تومۇرى. شۇڭا دۇنيادا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەۋرەنمەس چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن، ئەۋلادلارغا چوقۇم ئىلغار جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى سىڭدۈرۈش شەرت» دېگەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى 7‏-ئايدا خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، بىردەك خىتاي تىلىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى 5 ماددىلىق بەلگىلىمىسىنى تارقاتقاندىن كېيىن ئارقىدىن يەنە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىنى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىگەن يەنە بىر قاتتىق بەلگىلىمە چىقارغان ئىدى. خوتەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يەسلىلەرگە چىقارغان «يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 8 ماددىلىق ئىنتىزامى» ناملىق بەلگىلىمىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، ياغلىق ئارتىشى، ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساقال قويۇشى چەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىردەك «دۆلەت تىلى» دا سۆزلىشى تەلەپ قىلىنغان.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى بىر خىتاي يەسلى ئوقۇتقۇچىسى يەسلىلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخىي، ئۇيغۇر كلاسسىك شەخسلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھاياتى ياكى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىم، ھۆسنى خەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ھەم تام گېزىتىگە ئوخشاش ھەرقانداق كۆرۈنۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولۇپمۇ بۇ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئاشكارا ۋە ئاشقىن شەكىللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن قوشماق تۇغقان بولۇشقا، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن شەرھلىگەن نورۋېگىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەردىن سەمەت ئابلا ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى، مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئۆزى «مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى» دەپ تەنقىد قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە كامال خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا خىتاي چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنى باشقا مىللەتلەرگە سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى دەل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، «ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسان ئاسسىمىلياتسىيە بولمايدۇ»، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

راھىلە خانىم يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىگە قاراتقان بۇ ئۆتكۈر سىياسەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئۈزۈكچىلىك، بۇزغۇنچىلىقلىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلماي تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

راھىلە خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش تۇيغۇسىنىڭ ئورتاق جىددىيەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللار ۋە ئەھۋاللار بۇ خىل «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نامىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تېڭىشتىن ئىبارەت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ سىستېمىلىق، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، شى جىنپىڭ خىتايغا رەئىس بولغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا سېكرېتار قىلىپ يۆتكەپ كېلىنگەن بىر يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن ئۇقۇمىنىڭ پەقەت خىتاي مىللىتىنىلا كۆزدە تۇتقانلىقىنى، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» مۇ خىتاي مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.