موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى
2019.01.21

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ قەدىمىي تارىخى ۋە باي مەدەنىيىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغانلىقى مەلۇم.
بۇنىڭغا غەربتىكى ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ، ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەمگەكلىرى دەلىل بولالايدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئەنە شۇ مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ئىزدىنىشلىرىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ۋە باشقىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەردە تونۇشتۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياش تەتقىقاتچىلارمۇ بار بولۇپ، ھازىر ياشلارغا بولغان ئۈمىد بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
2019-يىل قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن «ياشلار يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەتبۇئاتلاردا تالانتلىق ياشلارنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىپ قويۇلغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 17-يانۋاردا ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ياش تەتقىقاتچى گۈلناز قۇرۋانباقىيېۋانىڭ رۇسىيە پايتەختى موسكۋاغا قىلغان سەپىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى.
مەشۈر ساسىقوف قەلىمىدىكى «ئۇيغۇر سەنئىتى رۇسىيەدە تونۇشتۇرۇلدى» ناملىق مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور قازاقىستاننىڭ جۈرگېنوف نامىدىكى سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ رېژىسسورلۇق ۋە تېلېۋىزىيە فاكۇلتېتىدا بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى گۈلناز قۇرۋانباقىيېۋانىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.
بىز ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان گۈلناز قۇرۋانباقىيېۋانى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مەزكۇر سەپەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كېلەچەك-2018‹دەپ ئاتالغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مەن›قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ شەكىللىنىشى‹دېگەن ئىلمىي دوكلاتىم بىلەن قاتناشتىم. مەن مەزكۇر ماۋزۇ بىلەن مەن سەنئەت ئاكادېمىيەسىگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىمدىن تارتىپ شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ئىدىم. چۈنكى بۇ ماۋزۇ مېنى بەك قىزىقتۇرىدۇ. ئىلگىرى مەن بۇ مەسىلە توغرىلىق چوڭ ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم. دوكلاتىمدا مەن ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دەسلەپتە قازاقىستاننىڭ چېلەك يېزىسىدا شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقى، تىياتىر سەھنىسىدە قويۇلغان تۇنجى ئەسەرلەر ھەم تىياتىرنىڭ قانداق قىلىپ ئالمۇتاغا كۆچۈرۈلگەنلىكى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردىم. دوكلاتىمنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ›ئون ئىككى مۇقامى" ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ يۇنېسكو، يەنى ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھىمايىگە ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدىم. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يەنە سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىدىن ئۈزۈندىلەرنى نامايىش قىلدىم. ئۇلار بۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقانلىقتىن ناھايىتى قىزىقتى. يىغىن قاتناشچىلىرى بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە تونۇدى. مېنىڭ دوكلاتىم كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرغانلىقتىن مېنىڭ كېيىنكى يىغىنلارغىمۇ قاتنىشىشىمنى ھەم كونكرېت ماۋزۇ بويىچە دوكلات قىلىپ بېرىشىمنى تەكلىپ قىلدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى توغرىلىق كۆپلىگەن سوئاللارنى قويدى.»
گۈلناز قۇرۋانباقىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرگ، نوۋوسىبىرسك قاتارلىق شەھەرلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان. ئۇ شۇنداقلا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «سالام ئىتالىيە!» ناملىق خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدا دۇنيا كىنو چولپانلىرى بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ئىتالىيەلىك كىنو رېژىسسورى نىكو چىراسولو بىلەن بولغان سۆھبىتى جەريانىدا گۈلناز قۇرۋانباقىيېۋا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىقىپ، ئۇنى ئىتالىيەدە نامايىش قىلىش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار ئاساسەن رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي سانى 500 گە يېتىدىكەن. موسكۋادىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى» نىڭ سابىق رەئىسى رەپقەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋادا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى جەمئىيىتى 1993-يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان ئىكەن. رەپقەت سادىقوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقتىدىن تارتىپ خېلى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يەردە ئاساسەن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن ئادەملەر ئاز. ئاساسىي ئىشىمىز ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، ئانا تىلىمىزنى ساقلاش ۋە بۇ يەردىكى پۇقرالارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇرۇشتۇر. بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت فېستىۋالىنى ئۆتكۈزمەكچىمىز. ئۆز ئىشىمىزنى موسكۋادىكى مىللەتلەر ئۆيى تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە ئىككى قىزلار ئۇسسۇل كوللېكتىپىمىز بار. ياشلار ئانسامبىلىنى قۇرۇش پىلانىمىزمۇ بار.»
مەلۇم بولۇشىچە، موسكۋادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تۇنجى قېتىم 1980-يىلى تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن. قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بۇ سەپىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن تارىخىي بىر ۋەقەگە ئايلانغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتتا پۈتۈنلەي تىياتىر بولۇپ، 100 دىن ئوشۇق ئادەم باردى. بىز ئىككى ئويۇن بىلەن بىر چوڭ كونسېرت پروگراممىسى ئېلىپ بارغان ئىدۇق. موسكۋادا بىز 6 كۈن ساتىرا تىياتىرىدا بولدۇق. تاماشىبىنلار ياخشى كەلدى، ئۆزىمىزمۇ ھەيران قالدۇق. بىزگە يېقىن مىللەتلەردىن تاتار، ئۆزبېك ۋە قازاقلار كۆپ بولدى. ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ مۇدىرىمىز ئىكرام مەسىموف ئىدى.»
ئىگىلىنىشىچە، موسكۋادا ھازىر ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن رۇسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار ئىكەن. ئۇلار ئۆز جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتىكەن. بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى موسكۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭغا قاتناشقان مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بەھرام ھەمرايېف ۋە توربەتچى بەھرام رەھمان «خىتاي! يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ياپ! ئەركىنلىك ئىشىكلىرىنى ئاچ!»، «خىتايدىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يېپىشنى تەلەپ قىلىمىز!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ۋاراقچىلارنى ھەم ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىگە موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شەرىف ئەخمەتوفمۇ قاتناشقان ئىدى.