26-فېۋرال شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانشاھ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات كۇلۇبىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا سۇلايمانشاھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. يىغىندا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات كۇلۇبنىڭ باشلىقى خېلىل گۈنگۆر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. يىغىننىڭ داۋامىدا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا لېكسىيە بەردى.
2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات كۇلۇبىنىڭ باشلىقى خېلىل گۆنگۆر ئەپەندى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىنى تەبرىكلەپ تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ۋە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات كۇلۇبىنىڭ باشلىقى خېلىل گۆنگۈر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
خېلىل گۆنگۈر ئەپەندى، نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقى تارقالغاندىن كېيىن بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈش شۇنداقلا ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر پروگرامما ئويۇشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق. تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار قەيەردە نېمە قىلىش كېرەك بولسا ئۇنى ئورۇنلاش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. شەرقىي تۈركىستان بىز ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ئورۇنلاردىن بىرىدۇر. ئۇ يەر بىزنىڭ يىلتىزىمىزنىڭ كېلىپ چىققان ئورنىدۇر. بىز ئۇ يەرنى زۇلۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئالىملىرىمىز يېتىشىپ چىققانغا ئوخشاش، كەلگۈسىدىمۇ مۇشۇنداق مەدەنىيەت ئىنسانلىرىنىڭ، ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى كۆرۈشنى خالايمىز. ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ ئەسلى مەۋجۇتلۇقىمىز ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى قىممەتلىك ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى ۋە بۈگۈن ئىشغال ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. بىز كۈنتەرتىپتە بولمىغان شەرقىي تۈركىستاننى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغانلىقىمىزدىن مەمنۇن بولدۇق».
خېلىل گۈنگۆر ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز تۈرك دۇنياسى تەتقىقات كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سالام ۋە ھۆرمەت يوللايمەن. بىز يېقىندا ئۇ يەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىشنى پىلانلىدۇق، ئاللاھ نېسىپ قىلسا، بىز تۈرك دۇنياسى تەتقىقات كۇلۇبىدىن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىمىز.
26-فېۋرال شەنبە كۈنى يەنە ئىلىم يايما جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قېرىنداش تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر مۇنبىرى نامىدا بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن ئاخىرىدا ئىلىم يايما جەمئىيىتى، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»، «ئەھمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىردەك، 5-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بىر تۈركۈم پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى ئورتاق قارار قىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.