11-سېنتەبىر كەچقۇرۇن سىتوكھولمنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان «سۈنئىي ھەمراھ» سەنئەت سارىيىدا ئەركىن سەنئەتكارلارنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر سەنئەت كۆرىكىدە «مۇقام» نامىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ناخشا-مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ناخشىچى گۈلجاھان بائىز خانىم باشچىلىقىدىكى «مۇقام» گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرلىرى سەھنىگە چىقىشى بىلەن رىياسەتچى ئۇلارنى تاماشىبىنلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن سەنئەتكارلاردىن تەشكىللەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ئەنئەنىۋى ناخشا-مۇزىكىلارنى ئورۇنلاشنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
تەمبۈر، راۋاب، داب قاتارلىق مىللىي سازلارنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن گۈلجاھان خانىم ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن «گۈلئايىم»، ئۆزبېك مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىدىن بىرقانچىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىدى. بولۇپمۇ «مۇقام» گۇرۇپپىسىدىكى مۇزىكانتلارنىڭ مىللىي ساز-چالغۇلار بىلەن نەق مەيداندا ناخشىغا تەڭكەش قىلىپ چالغان مۇزىكىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارلىرىنى چەكتى.
ئارىلىقتىكى قىسقا دەم ئېلىشتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلجاھان خانىم ئۆزىنىڭ قىسقىچە سەھنە ھاياتى، شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى شۇنداقلا «مۇقام» گۇرۇپپىسىنى نېمە مەقسەتلەر بىلەن قۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئاخىرىدا «مۇقام» گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىدىن ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرى ئورۇنلاۋاتقان مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى ۋە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.