مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى جەمئىيىتى ۋە ئىبنى خەلدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىنستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11-ئاينىڭ 11-12-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتلىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا يەنە «9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن- تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشى» دەپ قوشۇمچە نام بېرىلگەن.
فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋاخپى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىيەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 دا ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
كېيىن ئىبنى خەلدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋاھدەتتىن ئىشق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ۋاھدەتتىن ئىشىق ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ياشىغان جۇغراپىيە بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا سىستېما تەرىپىدىن سىزىلغان سىزىقنىڭ سىرتىدا قالدى. خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئارىسىدا خىتاينىڭ تەسىرلىك كۈچى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. مىسال ئالىدىغان بولساق، سۈرىيەدە بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە بىز شۇ ھامان خەۋەر تاپىمىز، چۈنكى بىز قوشنا دۆلەت. كۆچمەنلەردىن خەۋەر تاپىمىز، بىزگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەردىن خەۋەردار بولىمىز. بىراق مەن، تارىختا ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن خەلقلەرنىڭ سەۋر-تاقەت، ھېكمەت ۋە تەدبىر بىلەن ئېلىپ بارغان توغرا ئىشنىڭ مۇكاپاتى بولدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن 8 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تۈركلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنلارنى ئىنستىتۇتىمىزنىڭ ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىپ قوللاپ كېلىۋاتىمەن. قىيىن شارائىتلار ئاستىدا جىددىي غەيرەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم.، مەن ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يىغىندا سۇنۇلغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ يولىمىزنى يورۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەممەيلەنگە رەھمەت».
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي بىر مەدەنىيەت. ھەممىمىز بىلگەندەك ئۇيغۇرلار ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، تارىخىي يىپەك يولى ئۆتىدىغان بىر جۇغراپىيەدۇر. بۇ جۇغراپىيىدە، بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى بىر-بىرلەپ كېلىپ ئورۇن ئالغان. مەدەنىيەت جەھەتتە، خىتاي مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇچراشقان بىر جۇغراپىيە. ئۇيغۇرلار بۇ مەدەنىيەتلەردىن بىر قىسىملىرىنى ئېلىپ، ئۆز خەلقىگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت ياراتقان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يۇقىرىدىكى مەدەنىيەتلەردىن بىر تۈركۈم مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇ مەدەنىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت ياراتقان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى جەرىيانلىرىنى، باسقۇچلىرىنى ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ بۇ يىغىندا بۇلارنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكىلاتلىرىنى ئاڭلايمىز».
ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن 5 بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىدە قەدىمكى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا تۆت كىشى ئۆزلىرى تەييارلىغان تەتقىقات ماقاللىرىنى تەقدىم قىلدى.
يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور قۇنۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، «تۈرك قەدىمكى دەۋرلىرىدە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ تەتقىقات بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت كۇرشاد يىلدىرىم «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە جۇغراپىيە بىلىشنىڭ مۇھىملىقى»، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل تەتقىقات بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت مۇرات ئەلمالى «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دەسلەپكى تىل تەتقىقاتى»، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، ياردەمچى دوتسېنت مەغپىرەت كامال يۈنۈسئوغلى، «قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا كۆپ تىللىق بولۇش ۋە تەرجىمە خىزمەتلىرى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قاتارلىق تېمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا 20 نەپەر ئۇيغۇر-تۈرك ئىلمىي تەتقىقاتچى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ھەر خىل تېمىلاردا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان كۆرگەزمە ئېچىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى، دوپپا، كانۋا كۆڭلەك، چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق بۇيۇملار كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
يىغىن جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ئۇيغۇر سەنئەتچى پەرھات تەڭرىتاغلى، گۈلزادە تەڭرىتاغلى شۇنداقلا تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر قاتارلىقلار بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە ناخشا تەقدىم قىلدى.
بىز بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00
