مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلان قىلىنغان قايتا قۇرۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ باشقىمۇ ۋىلايەتلىرىدە تەشكىللەنگەن مەدەنىيەت مەركەزلىرى ھەم ئۇلارنىڭ شۆبىلىرى مىللىي ئەنئەنىلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، بىلىم، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە ئىشلارنى جانلاندۇرۇش، باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ئەنە شۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بېشىدا بولغان يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف ۋە ئابدۇلجان بەرايېفلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەركەز قۇرۇش ئىشلىرى 1989-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىرىنىڭ بىرى، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى خېلەم خۇدايبەردىيېف ئىدى. ئۇ ياسىن ئىمىن، ئابدۇقادىر زۇنۇن، مەھەممەت زەيىدى، ئىرپان توختىيېف، ئابدۇكېرىم پولاتوف قاتارلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان كىشىلەرنى جەلپ قىلغان ھالدا، جاي-جايلاردا يىغىنلار ئۆتكۈزۈپ، مەركەزنىڭ نىزامنامىلىرىنى تۈزگەن. خ. خۇدايبەردىيېف شۇ مەركەزنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان ئىدى.
بىز تاشكەنت شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان 80 ياشلىق يارمۇھەممەت ئاكا ئابدۇساتتاروفنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇ كۈن، شۇ سائەتتىكى بەزى بىر شارائىتلار شۇ نىزامنامىلەرنى تەستىقلاش دەرىجىسىگە يېتىپ، بۇ ۋاقىتتا مەلۇم بىر ئاساسلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويدى. خېلەم ئاكا ئۆز ساقلىقىنىڭ سەل ناچار ۋە كۈندىن-كۈنگە داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇلجان بەرايېفقا تاپشۇردى. ئا. بەرايېف ئۆزىنىڭ يېنىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدە خېلى نامى چىققان بالىلارنى مۇئاۋىن قىلىپ ئېلىپ، قانۇنىي ئاساستا 1994-يىلغىچە رەئىس بولۇپ ئىشلىدى.»
تەبىئىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇلجان بەرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دەسلەپكى نىزامنامىسىنى يېزىشتا، بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ ئىنىسى ئەدلىيە مۇتەخەسسىسى ئالىمجان ھەمرايېف كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ پەيتتە مەركەزلەر يېڭى چىققان ئۈچۈن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى كۆپ نەرسىنى بىلمەيتتى. ئۇلاردا بىر تەلەپ، شەھەردىكى ھاكىمىيەتتە بىر تەلەپ. بىر-بىرىگە شۇنداق ماس كەلمەيدىغان يەرلىرى كۆپ ئىدى. ئۆزبېكىستاندا رېسپۇبلىكىلىق دەرىجىدە بولۇش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئالتە ئوبلاستتا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شۆبىلىرى بولۇش كېرەك دېگەن بىر قارارنى چىقىرىۋالدى. بۇ مەسىلىنى بىرىنچى بولۇپ نېمىس ۋە كورېيلار كۆتۈرۈپ چىقتى. نېمە ئۈچۈن بىز ئالتە ئوبلاستنى قوشۇشىمىز كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن مەسىلە سەل يۇمشىدى. بىز ھۆججەتلىرىمىزنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇپ، رېسپۇبلىكا بويىچە ئىككىنچى بولۇپ رويخەتتىن ئۆتكەن ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز رەسمىي ئىشنى باشلىدۇق.»
ي. ئابدۇساتتاروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئا. بەرايېفتىن كېيىن ئىمىنجان ئوسمان، تۆمۈرخان جامالوف، سۇلتان توختەموف، ئەكرەم ھاشىموف ۋە باشقىلار ئىشلىگەن بولۇپ، ھازىر جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى ھەلىمە باراتوۋا باشقۇرماقتا. ئۇ بولۇپمۇ مەشھۇر مۇقامشۇناس، پروفېسسور ئەزىز ھاشىموفنىڭ ئوغلى، ئۆزبېكىستان كومپوزىتورلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كونسېرۋاتورىيە دوتسېنتى ئەكرەم ھاشىموفنىڭ ئۆزىنىڭ ياشلىقىغا قارىماي، مەركەز ئىشلىرىنى قانۇنىي رەۋىشتە يۈرگۈزۈپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ي. ئابدۇساتتاروفنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئابدۇلجان بەرايېف ۋە ئەخمەت يولداشېفلار بىلەن بىرلىكتە 2004-يىلى تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى قۇرۇش مەقسىتىدە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئەرز تاپشۇرغان ئىدى. ئامما بىر ئايدىن كېيىن رەت قىلغان جاۋاب كېلىپ، ئۇنىڭدا بىر قانچە كەمچىلىكلەر كۆرسىتىلگەن ئىكەن. يەنە ئون بەش كۈندىن كېيىن بارلىق كەمچىلىكلەر تۈزىتىلىپ، مەركەز رويخەتتىن تولۇق ئۆتتى. ي. ئابدۇساتتاروف شۇ مەدەنىيەت مەركىزىدە بەش يىل داۋامىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي تىللىق قەبىلىداشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ بۇ ئالاقىلەر، باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا ئۆزبېكلەرگە ناھايىتى يېقىن بولغان. مۇستەقىل ۋە مىللىي دۆلەتلەر شەكىللەنمىگىچە چېگرىلار ئوچۇق بولغان. بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال ئۆزبېكىستاندىكى پەرغانە ۋادىسى ۋە ئۇيغۇرىستاندىكى قەشقەر تەۋەسى. ۋاقىت ئۆتۈپ، چېگرىلار يېپىلغاندا مەۋسۇملۇق ئىشقا چىققانلار يېڭى يەرلەردە قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئۇلار ئۆز-ئارا كېلىشىپ، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى قۇرىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئەنجان تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى نامانگەن، پەرغانە شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەھەللىلىرى مەۋجۈتتۇر.»
ر. ئىسمايىلوف ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن دۆلەت، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، سەنئەت ئەربابلىرىنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆرنەكلىك يازغۇچى كامىل ياشىن، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسلىرى ھەلىمە ناسىروۋا، مۇكارەم تۇرغۇنبايېۋا، ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسلىرى ئۇسسۇلچى گۈلنارە مەۋايېۋا، كىنو ئارتىسى ئەمىن تۇردىيېف شۇنداقلا ئاتاقلىق دېھقانلار ئالىماخۇن قۇربانوف، بازارباي مامادالىيېف، قۇماخۇن خالىقوف، تۇرسۇنئاي ئاخۇنوۋا ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.