تارىخچى جاستىن جېيكوبس: «سىياسىيونلارنىڭ نېمە دېگەنلىكى ئەمەس، نېمە قىلغانلىقى مۇھىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.03.29
Sheng-shisey-shiwetsiyelik-sayahetchi-swen-hedin.jpg شېڭ شىسەي شىۋېتسىيەلىك ساياھەتچى سۋېن ھېدىن(ئوڭدا) بىلەن. 1934-يىلى، ئۈرۈمچى.
«شىنجاڭ ۋە ھازىرقى زامان خىتاي دۆلىتى» ناملىق ئەسەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان.

ئامېرىكالىق ياش تارىخشۇناس جاستىن جېيكوبسنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان تۇنجى ئەسىرى «شىنجاڭ ۋە ھازىرقى زامان خىتاي دۆلىتى» ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ 1930- ۋە 1940-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان. ئاپتور بۇ ئەسەردە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر قاتار تارىخىي شەخسلەر توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان شەخسلەرنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچلاردىكى ئوخشاش پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا، ئاپتور بۇ نۇقتىلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

جاستىن جېيكوبسنىڭ يېڭى ئەسىرىدە نۇقتىلىق شەكىلدە بايان قىلىنغان تارىخىي باسقۇچلارنىڭ بىرى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى، 1940-يىللارنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەمۇنىسى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان خەلق قوزغىلاڭلىرى دەۋرىدۇر. بۇنىڭدا ئاپتور بىر قەدەر تەپسىلىي توختالغان ۋەقە 1933-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەمدە مەزكۇر قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆكۈمدارغا ئايلانغان، شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن «جاللات» دەپ تەسۋىرلەنگەن شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى، شۇ ۋاقىتتىكى دۇنياۋى كۈچ بولۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بولغان قويۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسى قاتارلىقلاردۇر.

بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا پروفېسسور جاستىن، كوممۇنىزم لاگېرى ھالاك بولغانغا قەدەر «دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ نىجاتكارى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز مىللىي ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى باستۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقان شېڭ شىسەيگە ماددىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر تاللاش ھەققىدە قارار چىقاردى. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا رۇسلارنىڭ شىنجاڭنى ئۆز تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋېلىش مەقسىتى يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسىي نىشانى پۇل تېپىش، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىش، شۇنداقلا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ رايوندا كەڭ مىقياستا سېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بولغان. شۇڭا ئۇلار بۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلاشمىغان، ئەكسىچە بۇ ئىشنى خىتايلارغا تاشلاپ بەرگەن. شۇڭا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە شىنجاڭ تىنچ بولغاچقا ئۇلار ئارزۇ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلالىغان، شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار بۇ ھالەتتىن تولىمۇ رازى بولغان. ئەمما شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭدا ئىچكى ئۇرۇش شەكلىدىكى يېغىلىقلار ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالدى. شۇڭا ئۇلار مەزكۇر رايوندا تىنچلىق ئورنىتالايدىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە دوستانە مۇئامىلە قىلالايدىغان خىتاي ھۆكۈمدارىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلدى. يەنە كېلىپ بۇ ھۆكۈمدار خىتاينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بەك يېقىن كىشى بولۇپ كەتسىمۇ بولمايتتى. ئۇنداق بولمىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسانلا بىر باھانىلەر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى بۇ رايوندىن سىقىپ چىقىرىۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشەتتى. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىنى قىزارتىشى ئېنىق ئىدى. مۇشۇ بىر قاتار ئامىللار تۈپەيلىدىن شېڭ شىسەي نەق ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كاندىدات بولۇپ چىقتى: سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەم بەرسە، ئۇ ھالدا بۇ ھۆكۈمدار شىنجاڭ ئۆلكىسىدە تىنچلىق ئورنىتالايدۇ، ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەنلىك كۆزىدە قارىمايدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مونوپوللۇقىنى داۋام ئەتتۈرەلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ كىشى ئىچكىرىدىكى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قاراممۇ بولۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار شېڭ شىسەينى ساق ئون يىل ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردەم بىلەن تەمىن ئەتتى.»

سۆھبەت جەريانىدا پروفېسسور جاستىن شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىن ئەتكەن بۇ خىلدىكى ياردەملەر ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى، كېيىن شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىش يولىنى تاللاپ، ستالىندىن يۈز ئۆرۈگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىگە ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

بىز ئۇنىڭدىن ئاتېئىزملىق ئىدىيە بىلەن چەمبەرچاس بىلەن باغلانغان، شۇنداقلا ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي نوپۇزنى رەت قىلىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەلىخان تۆرىدەك بىر ئىسلام ئۆلىماسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىشىگە سۈكۈت قىلغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «تارىخ بەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغىنىڭىزدا، تولىمۇ قىزىقارلىق بولغان مۇنداق بىر ھادىسىنى بايقايسىز: ھەرقاچان سىياسىيونلارنىڭ ئېغزىدىن چىققانلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى پۈتۈنلەي باشقا-باشقا نەرسىلەر بولۇپ چىقىدۇ. دەرۋەقە شۇ ۋاقىتتىكى كوممۇنىزم دۇنياسى دىنىي مەزمۇن بىلەن يۇغۇرۇلغان ھېچقانداق ئىدېئولوگىيە ياكى دىنىي ئېتىقادنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمىغان. شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئالغان بولۇشى ھەمدە «ئاقارتىش» باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما رېئاللىقتا بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى (بۇ يەردىكى) كىشىلەرنىڭ شۇ زامان شارائىتىدا تولىمۇ قويۇق بولغان دىنىي مۇھىت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار يەنە، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەقسەتلىرىگە يېتىشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ خىل شارائىتتا يەنە ئىشلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان، يەنى ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ دىندار بولماسلىقىنى ياكى دىنىي ساھەنىڭ سىرتىدىكى كىشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ئاجىز كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى قوزغىلىڭىنى قوللاشنى قارار قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلار ئەلىخان تۆرىگە ئوخشاش دىندار كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن. چۈنكى ئۇلار ئەلىخان تۆرىنى مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قوزغىلاڭچىلارنى دىنىي تەشۋىقات ھەمدە «غازات» نامىدا جەڭ سېپىگە ئەكىلەلەيدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما ئۇلار (يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى) ئەلىخان تۆرە بىلەن مەڭگۈلۈككە ھەمكارلىشىشنى ئويلىغىنى يوق. چۈنكى بۇ قوزغىلاڭنىڭ دەسلىپىدە ئۇلار ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە قۇلايلىق ھەمدە پايدىلىق ئىش بولغان. ھالبۇكى ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتكەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلىخان تۆرىدىن يۈز ئۆرۈدى ھەمدە تېزدىن ئەخمەتجان قاسىمىنى قوللاشقا ئۆتتى. ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنچىلىك دىندار كىشى ئەمەس ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ كىشى سوۋېت ئىتتىپاقىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئۇيغۇر ئىدى. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئەخمەتجان قاسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئىشلەشتە بىر قەدەر راھەت ھېس قىلغان شەخس بولۇپ چىقتى.»

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت، دەرۋەقە پروفېسسور جاستىننىڭ كۆرسەتكىنىدەك بولغان بولۇپ، 1955-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەزكۇر ئاپتونومىيەنىڭ قەغەز يۈزىدىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە پىكىر قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.