لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليون كىشىلىك لاگېرلار مەسىلىسى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا كىشىلەرگە تېگىشلىك چۈشەنچىلەر بېرىلىشكە باشلىدى. 2-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى ‹تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى›» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئادريان زېنز ئىدى. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە ئوقۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان پروفېسسور، دوكتور رېيچىل خاررىس بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئالدى بىلەن رېيچىل خاررىس سۆز ئېلىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى جانلىق قىلىپ قىسقىچە تەسۋىرلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى شۇ ھەقتىكى ئالاقىدار رەسىملەر ئارقىلىق چۈشەنچە بېرىشى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانچە كۆپ مەلۇماتلىق بولۇپ كەتمىگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى بەكمۇ قىزىقتۇرغان. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن نورمال كۈندىلىك ھاياتىدىكى كۆپلىگەن نورمال ھادىسىلەرنىمۇ «ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن تاماكا چېكىش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، قۇرئان ئوقۇش، رامىزان روزىسى تۇتۇش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى «ئەسەبىيلىك»نىڭ ئىپادىلىرى دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى قانۇن ۋە نىزاملارنى بەلگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغانلىقىنى قىزىقارلىق قىلىپ بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشلارنى «ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش» شەكلىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن دوكتور ئادريان زېنز سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» نى مەقسەت قىلغان مۇئەسسەلەرنىڭ 2000-يىللىرىدا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنىڭ 2010-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە غەرب ئاخبارات دۇنياسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما مەلۇم بولغان سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلەر بۇ مۇئەسسەلەرنىڭ ھازىر ئاللىقاچان مۇنتىزىم شەكىل ئالغان سىستېمىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
دوكتور ئادريان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى كىشىلەر تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىلغان ھالدا ئوخشاش بولمىغان سىياسىي تەربىيەنى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇنداق مۇئەسسەلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولغان سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ خىلدىكى «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» نىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇلارنىڭ ھازىر «تېخنىكا ۋە ھۈنەر ئارقىلىق تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەندەك ناملارنىڭ قويۇلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئورۇنلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكا ياكى ھۈنەر ئەمەس، بەلكى ھەربىيچە مېڭىش مەشىقى، سىياسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ 11 پىرسەنتى دەل مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئىكەن.

پروفېسسور ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كومپارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ رولى بەكمۇ چوڭ ئىكەن. بولۇپمۇ چېن چۇەنگو «شىنجاڭنى تىنچلاندۇرۇش» ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن 2017-يىلى ئاشكارا ھالدا «تەربىيەلەش مەركىزى ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇشتۇمتۇتلا غايىب بولۇپ كېتىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېن چۇەنگونىڭ بىر قوللۇق بۇيرۇقى بىلەن بۇ خىلدىكى مۇئەسسەلەر ئاشخانا، ھاجەتخانا، ياتاق، قاراۋۇللۇق مۇنارى، تىكەنلىك سىم توسۇق دېگەنلەر تولۇق ئەمەلىيلەشكەن ۋە يۈرۈشلەشكەن بىنالار شەكلىدە كۆپىيىشكە باشلىغان. يەنە كېلىپ بۇ مۇئەسسەلەر ھەيران قالارلىق ھالدا ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان تۈرمىلەرگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان. بۇ مۇئەسسەلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرى بۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

دوكتور ئادريان زېنز يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى بۇ لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي شەكىلدىكى خىتايچە تىل-يېزىق ئۆگىنىش، سىياسىي شوئارلارنى يادلاش، كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى سىڭدۈرۈش، كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزگەن مېھرى-شەپقەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىش، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئورنىغا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى دەسسىتىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن.

ئەڭ ئاخىرىدا دوكتور ئادريان بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا قوشنا مەملىكەتلەردە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئانچە كۆپ بىلىنمەيۋاتقانلىقىنى، بىلگەنلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى ياكى ئاخبارات ساھەسىدە بەك ئاز خەۋەر قىلىنىشى، غەرب ئاخباراتلىرىنىڭ كۆپرەك بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بېرىۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلغاندا خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تېخىمۇ زور قىزىقىشىنى قوزغاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا رېيچىل خاررىس سۆز ئېلىپ لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون بېرىش ياكى ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانىنىڭمۇ يوقلۇقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە قامالغانلارنىڭ قىسمىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىغانلىقى، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر دوكلاتلارنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.
ئاخىرىدا مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئۆزلىرى قىزىققان مەسىلىلەر بويىچە سوئال سورىغان. لېكسىيە بەرگۈچىلەرمۇ تېگىشلىك يوسۇندا جاۋاب بېرىپ كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.