گېرمان يازغۇچىسى ئىنگرىد خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.09.18
Ingrid-Widiyarto-Yanar-Uyghur-kitab.jpg گېرمان يازغۇچىسىىنگرىد ۋىدىيارتو خانىمنىڭ «يانار-ئۇيغۇر: خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىي رايونىدىكى بىر ياشنىڭ ھاياتى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutlan

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھاياتىنى تېما قىلغان ئاممىباب ئەسەرلەر ئارقا-ئارقىدىن يېزىلىپ گېرمان تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەلىك ئايال يازغۇچى ئىنگرىد ۋىدىيارتو خانىمنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ئىككى كىتابى دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

گېرمان يازغۇچىسى ئىنگرىد ۋىدىيارتو خانىم يېقىندا گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى كىتابى ھەققىدە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئەسلىدە ئاممىباب ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق تونۇشلۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، تاسادىپىي كەلگەن بىر پۇرسەت ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئەسەر يېزىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

«بىرقانچە يىللار ئىلگىرى مەن يولدىشىم بىلەن خىتايغا ساياھەتكە باردىم. قايتىشىمدا ئايروپىلان ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۈستىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۈستى ئاپئاق قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان تەڭرىتېغى بىلەن پايانسىز تەكلىماكان قۇملۇقى مەندە تۇيۇقسىزلا بۇ سىرلىق زېمىن ۋە بۇ تۇپراقتا ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن ناتونۇش خەلققە بولغان قىزىقىشنى قوزغىدى. گېرمانىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتى تېما قىلىنغان رەسىملەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئارقىدىنلا تېلېۋىزىيىدە يىپەك يولى تونۇشتۇرۇلغان فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ كۈچەيدى. كېيىن بىر ئۇيغۇر رەسسام دوستىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار يۇرتىغا رەسمىي ساياھەتكە باردىم. تۇرپاندىن باشلانغان بۇ ساياھەت تارىم ۋادىسىنى بويلاپ جەنۇبتىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا قەدەر داۋاملاشتى ۋە مەندە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرىنچى كىتابىم-‹ئۇيغۇرلار زېمىنىغا سەپەر› دەل ئاشۇ قېتىملىق سەپەر تەسىراتلىرى ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىقتى».

ئىنگرىد خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى كىتابىنى يېزىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«مەن كىتابىمنى يېزىشتىن بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي سەپەر تەسىراتلىرىمدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتاب-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىشقا تىرىشتىم. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە گېرمان تىلىدا ئىلگىرى ئېكسپېدىتسىيىچىلەر يازغان كىتابلار، ئېتنولوگىيەلىك ماتېرىياللار ۋە سىياسىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەردىن باشقا يېڭى ئۇچۇرلار كەم ئىكەن. يېڭىراق مەزمۇندىكى كىتاب دېيىلسە پەقەتلا رابىيە قادىرنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان كىتابنى كۆردۈم دېيەلەيمەن».

ئىنگرىد خانىم مەزكۇر كىتابىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىتابىمدا ئۇيغۇرلار يۇرتىدا بىۋاسىتە كۆرگەن ۋە شاھىت بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى يازدىم. ئاشۇ تۇپراقنى، قۇملۇقلارنى، ھەيۋەتلىك تاغلارنى، تارىخىي ئىزلارنى، بوستانلىقلاردىكى شەھەر-بازارلارنى ۋە يېزا-سەھرالارنى شۇنداقلا بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئەينەن ئەكس-ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم»

«مەن بۇ كىتابىمدا يەنە ئۇيغۇرلار زېمىنىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتنى، ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىز مۇناسىۋەتنى، رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئەينەن يېزىشقا تىرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بېسىمى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان خەتەرلىك ئامىللارنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم».

ئىنگرىد خانىم ئۆزىنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككىنچى كىتابى-«يانار-ئۇيغۇر» ناملىق كىتابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن تۇيغۇمدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرىشكە قىينىلىمەن. بەلكىم بۇ خىل چوڭقۇر ھېسسىياتنىڭ پەيدا بولۇشىغا رەسسام دوستىمىز سەۋەب بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بالىلىق ھاياتى مەندە زور قىزىقىش پەيدا قىلدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى خىلۋەت يېزىدا ئۆتكۈزگەن غۇبارسىز بالىلىق ھاياتى ۋە باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوخشاش ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىدىكى داۋالغۇش ۋە رومانتىكىغا تولغان كەچۈرمىشلىرىنى يىپ ئۇچى قىلىپ ئىككىنچى كىتابىمنى يازدىم. بۇ كىتابىمنى ئوقۇغان كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات رېئاللىقىنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە گېرمانلار ياكى باشقا غەرب جەمئىيەتلىرىدىنمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ».

ئىنگىرىد خانىم «يانار-ئۇيغۇر» ناملىق كىتابى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس، شەخسەن مەنمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتىم. مەن ئۇيغۇرلارنى چۈشەنگەنسېرى ئۇلار ھەققىدە كۆپ ئويلىنىدىغان بولدۇم. مەن بۇ كىتابىمنىڭ گېرمان تىلى دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ھاياتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلەيدىغان بىر كىتاب بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»

ئىنگرىد خانىم ئاخىرىدا «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇيغۇرلار تېمىسىدا كىتاب يېزىش پىلانىڭىز بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋاملىق ئەسەر يېزىش خىيالىم بار، لېكىن ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىشكە ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا موھتاجمەن. ناۋادا ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى ۋە ھايات ھېكايىسىنى تەقدىم قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بولسا مەن ئۇنى قەلەمگە ئېلىپ گېرمان تىلى دۇنياسىغا يېڭى ئەسەر تەقدىم قىلىشنى خالايمەن!...»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.