ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «خەتەر ئاستىدىكى ئەدىبلەر» تورىنىڭ يىللىق دوكلاتىدىن ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى بىر چوڭ تېما سۈپىتىدە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقاندىن باشقا يەنە، شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ كەينى-كەينىدىن تۇتۇلۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، بەزىلىرىنىڭ تېخى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنىمۇ بىر دەرىجىگە كۆتۈردى.

23-ئۆكتەبىر كۈنى نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2018-يىللىق ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش» تېمىسىدىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن زىيالىيلارنى قوغداش پائالىيىتىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

مەزكۇر پائالىيەت «خەتەر ئاستىدىكى ئەدىبلەر» تورى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى خەتەر ئاستىدا قالغان ھەم بېسىمغا ئۇچرىغان ئىلىم ئەھلىلىرى، زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قوغداشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلات.

«خەتەر ئاستىدىكى ئەدىبلەر» تورى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ دەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» تىلغا ئېلىنىپ، شۇ لاگېرلاردا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈلگەن.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ خەلقئارالىق تەشكىلات ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتىن ئورۇن ئېلىشى دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پروگرامما باشلىقى ۋە تەشۋىقاتچىسى دەنىيال پاترىك مۇنىير بۇ نۇقتىدا ئۆز كۆز-قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ناچارلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇلتۇر مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن باشلاپلا بىز بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. ئەڭ ئاددىيسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى ياكى لاگېرلارغا تاشلاندى. بۇ قەتئىي ئېتىبارسىز قاراشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە، شۇنداقلا بىزنىڭمۇ كۈچلۈك ئەندىشىمىزنى قوزغىدى. بىز مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دوكلاتقا قوشتۇق.»

بىز دەنىيال مۇنىيردىن يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا قوللانغان ئاساسلىق مەنبەنىڭ قايسى ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ پىكىر ئېلىشقا تىرىشتۇق.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىز بۇ يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىشتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان بايانات، دوكلات ۋە خەۋەرلەرگە ئاساسلاندۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئېلان قىلىۋاتقان كۈندىلىك خەۋەر ۋە تەپسىلىي خەۋەرلەرمۇ بىزنىڭ بۇ دوكلاتنى تاماملىشىمىزدا ياردىمى بولدى.»

مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. يىغىندا ئۇ ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ روھىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «‹خەتەر ئاستىدىكى ئەدىبلەر› تورى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەت ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ مەسىلىسى تۇنجى قېتىم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدىن ئورۇن ئالدى. پائالىيەتتە مەن 22-ئۆكتەبىر ئۆزىمىز ئېلان قىلغان مەخسۇس ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىمىزنىمۇ چۈشەندۈردۈم. مۇشۇ سەۋەبتىن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېت جامائىتى ۋە زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ تەشكىلاتقا مۇنداق ئىككى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بىرىنچىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن مۇشۇ تەشكىلات ئۆزى باشچىلىق قىلىپ خەلقئارانى سەپەرۋەر قىلىشقا ئۈندىدۇق. ئىككىنچىدىن، ئۆزى چەت-ئەللەردە ئوقۇۋاتقان، ئەمما ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا ئەكېتىلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز شۇڭا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن چارە تېپىشقا چاقىردۇق، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى يوق قىلىۋېتىش ئىمكانىيىتى بولسىلا ئۇنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

دەنىيال بۇ قېتىملىق دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا قوزغىيالايدىغان تەسىرى ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاۋۋال خەلقئارادىن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە بىر قوغدىغۇچى پاسىل شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەيدىغان ۋە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا مىللەتتىن بولغان خىزمەتداش ياكى ساۋاقداشلىرى ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن مەكتەپتىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، دۇنيادىكى ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تونۇشى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان بىر ئاساس شەكىللىنىدۇ.»

ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1999-يىلى قۇرۇلغان «خەتەر ئاستىدىكى ئەدىبلەر» تورىغا ھەر قايسى ئەللەردىن 500 دەك كىچىك تەشكىلاتلار ئەزا بولغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگان ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى خەتەر ئاستىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى قوغداشتىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرى بىلەن خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.