تۈركىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يازغۇچى: مۇكاپاتنى خەلقىم نامىدىن ئالدىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.12.09
ekrem-exmedof-mukapat.jpg ئۇيغۇر يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەدوف(سولدا) «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق دراما ئەسىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتىنى تۈركىيە دۆلەتلىك تىياتىر ئىدارىسى مۇدىرى نېجات بىرەجىك ئەپەندىنىڭ قولىدىن ئالغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 8-دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

«مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق سەھنە ئەسىرى بىلەن تۈركىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوف 8-دېكابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمىدا مۇكاپاتنى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇراسىم خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇكاپاتىنى تۈركىيە دۆلەتلىك تىياتىر ئىدارىسى مۇدىرى نېجات بىرەجىك ئەپەندى ئەكرەم ئەخمەتوفقا تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق ئەسىرى «تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا خالدۇن تانەر تىياتىر ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» دە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئىدى.

8-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى ئەنقەرەدىكى مەركىزىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، مۇكاپاتلارنى ئىگىلىرىگە تارقىتىپ بەردى. مۇراسىمغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىر مۇئاۋىنى نىھات گۈل ئەپەندى، خەلقئارا كۈلتۈر تەشكىلاتى مۇدىرى دۈسەن كۈسەنوف ئەپەندى قاتارلىقلار ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

دۈسەن كۈسەنوف ئەپەندى تونۇلغان تۈرك دراما يازغۇچىسى ھالدۇن تانەرنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر دراما يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا تۈرك كۈلتۈر تەشكىلاتى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان مەشھۇر كىشىلەرنىمۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.»

مۇراسىمدا يەنە يىغىن رىياسەتچىسى «تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا خالدۇن تانەر دراما يېزىش مۇسابىقىسى» نىڭ باھالاش ھەيئىتى بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باھالاش نەتىجىسىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى باشقۇردىستان رايونىدىن مەريەم بۇراكايېۋانىڭ «سايە» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچىلىككە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىككىنچىلىككە، ئەزەربەيجانلىق ئافاك مەسۇدنىڭ «مەنسۇر ھەللاجى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۈچىنچىلىككە، مولداۋىيەنىڭ گاگاۋۇز رايونىدىن كەلگەن تودۇر زانەتنىڭ «سىستېما» ناملىق ئەسىرىنىڭ تۆتىنچىلىككە ۋە تۈركمەنىستانلىق ناباتگۇلى رەجەپوفنىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى، سەن كىم؟» ناملىق ئەسىرىنىڭ بەشىنچىلىككە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. كېيىن، مۇكاپات ساھىبلىرى ئايرىم-ئايرىم سەھنىگە تەكلىپ قىلدى ۋە ئۇلارغا مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىلدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەدوف ئەپەندى مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن قىسقا سۆز قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئالغانلىقىنى، دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ھەققىدە تۈركىيەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بارلىق تۈركولوگلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەكرەم ئەخمەدوف قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر بولۇپ، قازاق تىياتىرخانىسى بىلەن ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرخانىسىدا رېژىسسور بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇنىڭ بىر قانچە ئەسىرى سەھنىدە قويۇلغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى پەردە سەككىز كۆرۈنۈشلۈك مەزكۇر درامىسى ئۇيغۇرچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەردىن باشلىنىپ باغدادقىچە سوزۇلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى يېزىش سەپىرى مەزمۇن قىلىنغان. يازغۇچى ئەسەردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىزدىنىش ئۇسۇللىرى، مۇشەققەتلىك ھايات سەرگۈزەشتلىرى، دۈشمەنلەرنىڭ ھەر خىل سۇيىقەستلىرىنى ناھايىتى جانلىق ۋە قىزىقارلىق شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرگەن.

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى تۈركىيەنى تونۇتۇش فوندىنىڭ قوللاپ -قۇۋۋەتلىشى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى يەنى تۈركسوي ۋە تۈركىيە دۆلەت تىياتىرخانىلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا خالدۇن تانەر تىياتىر ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» تۇنجى قېتىملىق دراما يېزىش مۇسابىقىسى بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.