بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، تارىخىي سەرگۈزەشتلىرى ۋە مەنىۋى كەچمىشلىرىنى تارىخچىلار بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يازارلار، سەنئەتكارلار ۋە شۇنداقلا شۇ خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە روھىي دۇنياسى يازما ئەسەرلەردىن باشقا، سەنئەتكارلارنىڭ مىللىي سەنئەت ئىجادىيىتىدە قانداق يورۇتۇلدى؟
مەرھۇم مۇزىكا پېشۋاسى، مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتا ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك مۇزىكا ئىجادىيىتى ھەمدە مول مەزمۇنلۇق سەنئەت ئۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى روھ تارىخىنى سىزىپ چىققان سەنئەتكارلارنىڭ بىرىدۇر.
مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق مەشھۇر رومانىدا مىللىي ئىنقىلاب دولقۇنلىرىغا چۆمۈلگەن ئىلىنىڭ 1940-يىللاردىكى ئىجتىمائىي ھاياتىدا زىكرى ئەلپەتتا قاتارلىق بىر قاتار سەنئەتكارلارنىڭ ئوينىغان ئاكتىپ رولىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
ماھىنۇر قاسىمىمۇ يېقىندا نەشر قىلغان «ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئىككى توملۇق ئەسلىمىسىدە زىكرى ئەلپەتتا قاتارلىق خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ 1940-يىللاردىكى ئىلى رايونىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا تۇتقان ئالاھىدە ئورنىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ…
خەلق ئارىسىدا «ئىجادىي مۇقام» دەپ تەرىپلىنىدىغان «رۇخسارى» مۇقامىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىق كلاسسىك ئوپېرالارنى كۆرگىنىمىزدە، «سادىر ناخشىسى»، «نودەركام»، «ئېچىلغان گۈل-قىزىل گۈلۈم»، «ئاق بېلىق»، «تەنلىرىم ياپراق»، «زۆھرە جانىم» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ھۇزۇر ئالغىنىمىزدا نامى خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم مۇزىكا پېشۋاسى، مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتور زىكرى ئەلپەتتانىڭ سېيماسى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
1930-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىلا خەلق ئىچىدە تونۇلغان زىكرى ئەلپەتتا ئىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەركىبىدىكى سانايى نەپىسەدە ئاساسلىق سەنئەتكارلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. 1940-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىجات قىلغان ۋە كېيىنچە ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقامى» نىڭ تولۇقلىمىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن «رۇخسارى» مۇقامى ياش زىكرى ئەلپەتتا مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ شۇ دەۋرلەردىكى يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىدۇ.
«رۇخسارى» مۇقامى ۋە ئۇنىڭ مەرغۇللىرى شۇ يىللاردا ئىلى سەھنىلىرىدە ئوينالغان «غېرىب-سەنەم»، «پەرھات-شىرىن»، «تاھىر-زۆھرە» قاتارلىق ئوپېرا ۋە تىياتىرلارنىڭ ئاساسلىق مۇزىكا كۈيلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئاشۇ يىللاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە زىكرى ئەلپەتتانى ئۇستاز تۇتۇپ يېتىشىپ چىققان يەنە بىر مەشھۇر مۇزىكانت مەرھۇم ھۈسەنجان جامى ھايات چېغىدا ئۇستازى ھەققىدە يۇقىرى باھالارنى بېرىدۇ. مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئابلىز شاكىرمۇ ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلىدۇ.
زىكرى ئەلپەتتانىڭ پەرزەنتلىرىمۇ چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت ئىلىكىدە دادىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار دادىسىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقام ۋە مۇزىكا مەدەنىيىتىگە بېغىشلىغان كەسپىي سەنئەتكارلا ئەمەس، بەلكى بىر سەمىمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان ئىنسان شۇنداقلا مېھرىبان ئاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ياشلىقىنى 1930-يىللاردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن، 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دولقۇنلىرىدا ئىجات بىلەن ئۆتكۈزگەن، قىرانلىق دەۋرىنى 1950-يىللاردىن تاكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردا ئۇپراتقان زىكرى ئەلپەتتا 1986-يىلى 1-ئاپرېل كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
