2016-يىلى تۈرك دۇنياسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى، ب د ت پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى خوجا ئەخمەت يەسەۋى يىلى، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 575-يىلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىلەر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 115-يىلىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11:30 دا، ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەش تۈرك ۋە بەش ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ، خوجا ئەخمەت يەسەۋى، ئەلىشىر ناۋايى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىلەر ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىدۇ. ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئالدىنقى بۆلۈمى تۈركچە، كېيىنكى بۆلۈمى ئۇيغۇرچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇدىرى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ بىر تۈركۈم مىللىي ئاڭغا ئىگە، ئىلىملىك بىلىم ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىپ تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل تېمىلاردا ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ تۈر ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچى ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ نەتىجە ۋە ئۇتۇقلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش تەتقىقاتچىلارغا سۇنۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلاردىن ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم مىللىي ئاڭغا ئىگە، ئىلىملىك بىلىم ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىپ تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.»
بىز بۇ ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ قېتىم خاتىرىلىمەكچى بولۇۋاتقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى، ئەخمەت يەسەۋى، مەمەتئېلى تەۋفىق ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزى 15-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش» ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنىدا «بۈگۈنكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قەلبىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» تېمىسىدا دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇدىرى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش» ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرۇشىدا ئاساسلىقى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي روھنى ئويغىتىش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.»
ئىزمىر شەھىرىدىكى ئېگې ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر بەش مۇتەپەككۇرنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھازىرغىچە بۇ خىل ئىلمىي يىغىنلارنى كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن 5 مۇتەپەككۇرنى بىرلىكتە خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى ئىكەن.