ئىستانبۇلدا 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تارىخىدا ئىز قالدۇرغان تارىخىي شەخسلەر ۋە ئەدىبلەرنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەمەت ۋەقپى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئىلمىي دوكلات بېرىلمەكچى. بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 6-ماي كۈنى ئۇيغۇر تارىخىدىكى 4 مۇھىم شەخسنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن 2010-يىلىدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دوپپا بايرىمىنىڭمۇ تەبرىكلىنىدىغانلىقىنئى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆتكەن يىلدىن بېرى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەۋاتقان ئاكادېمىكلەر تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر تونۇلغان تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان دوكلاتىنى، داڭلىق شائىر ھۈسەيىن تەجەللى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان ماقالىسىنى، قۇتلۇق شەۋقىي ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان ماقالىسىنى، تونۇلغان مائارىپچى ۋە مۇتەپەككۇر ئابدۇقادىر داموللا ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 155 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن. ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەلۇمات بەردى.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەدىرنە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۆمەرجان جامال ئەپەندى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2010-يىلىدىن بېرى ئىزچىل ھالدا دوپپا بايرىمىنى، ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مىللەت سۆيگۈسىنى، مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر جامال ئەپەندى يىغىندا بېرىدىغان ئىلمىي دوكلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مەشھۇر شەخسلەرنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، ياشلارنى مىللىي ئاڭغا ئىگە قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

2016-يىلى 15-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، قۇتادغۇ بىلىكنى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋىي، ئەلىشىر ناۋايى، مەمەتئەلى تەۋفىق قاتارلىق زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.