تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكانت گۈلدىيار: «ئۇيغۇرلۇقۇم تەلىيىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.10.20
guldiyar-tengritaghli-tengritaghliq.jpg تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكانت گۈلدىيار تەڭرىتاغلى كالان مۇزىكا ستۇدىيەسىدە پىئانىنو چېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2016-يىلى يانۋار، ئىستانبۇل.
RFA/Abduweli Ayup

2017-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى تۈركىيەدە ئەڭ قىزغىن كۆرۈلۈۋاتقان «دادام» دېگەن فىلىمدا بىر تەڭرىتاغلىقنىڭ فامىلىسىنى مىليونلارچە تاماشىبىن ئوقۇدى. بۇ تۈركىيەدىكى مۇزىكانت قىز گۈلدىيار تەڭرىتاغلى. بۇ فامىلە بۇلتۇر «چۈچۈك ئالمىلار» دېگەن فىلىمدا ئايلارچە كۆزلەرگە تاشلانغان ئىدى. ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىغا بارغىنىمدا تۈركىيە كىنوچىلىقىغا ئىسمى يېزىلغان بۇ قىز ئۆز خەلقىگە قىسىنغان سۆزلىرىنى مۇنداق باشلىدى.

قۇمۇلدىن باشلانغان غەلىبە سەپىرى

گۈلدىيار بەش يېرىم يېشىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بولغان قۇمۇلدا چوڭ بولغان. بوۋىسى مەمەتئېلى ھاجى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. قولىدىن كىتاب ۋە ساز چۈشمەيدىغان بۇ بوۋاي، كىچىككىنە گۈلدىيارغا ئۇيغۇر يېزىقىنى، رەسىم سىزىشنى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگەتكەن. خۇددى تۈركىيەدىكى ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كەتسىلا گۈلدىيار ئۇيغۇر بولالماي قالىدىغاندەك، بوۋاي ئۈچ يېرىم ياشلىق قىزچاقنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ خېلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇتۇپ بولغان، دۇنيا خەرىتىسىدىن تۈركىيەنى كۆرسىتىپ تۈرۈپ ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن. گۈلدىيار ئىستانبۇلغا كېلىشتىن بۇرۇنلار بۇ شەھەرگە دائىر قىسسەلەرنى ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ بولغان. شۇڭا گۈلدىيار ئۆزىنى ئۇتۇق مەنزىلىگە ئۇزاتقان بوۋىسىنى تۇنجى ئانا تىل ئۇستازى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاياتىنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيدۇ.

«ئۇيغۇرلۇقۇم تەلىيىم،» دەيدۇ گۈلدىيار ئۆزىنى يىللاردىن بېرى ھاياجانغا سېلىپ كېلىۋاتقان راخمانوف مۇزىكىلىرىدىكى ئانا تۇپراقنىڭ ساداسىنى تاپالىغانلىقىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا.

بىر ئۇيغۇر ياڭراتقان تاتارنىڭ كۈيى

راخمانوف ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يۈز مەشھۇر پىئانىنوچىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى دۇنياغا داڭلىق بولسىمۇ مىللىي كىملىكى نەزەرلەردىن يىراق قالغان. ئۇنىڭ پىئانىنو بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكىلىرى ياۋروپا ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇلىدۇ. گۈلدىيار تەڭرىتاغلى ئاۋسترىيەدە مۇزىكا ئۆگەنگەن 8 يىلدا راخمانوفنىڭ نوتىلىرىغا بارماق باسقانلىرىدا كۈيلەردە بىر يېقىنلىقنى، بالىلىقىدا قەلبىگە سىڭگەن ئۇيغۇر ناخشىلىرىغا ئوخشىغان بىر مېلودىيەنى بايقىغان. ئۆزى روسىيەلىك مۇزىكانت دەپ بىلىنىدىغان بۇ كىشىنىڭ ئەسلى تاتار بولۇشى ئۇنىڭ تەئەججۈپلىرىگە جاۋاب بەرگەن.

گۈلدىيار بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە بايقالغان راخمانوفنى تۈرك دۇنياسىغا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى پىئانىنوغا تۈرك چالغۇلىرىدىن يايلى تەمبۈر ۋە دۈدۈكنى قوشۇپ تەڭكەش قىلدۇرۇپ يېڭىلىق ياراتتى. بىر ئۇيغۇر بىر تاتارنىڭ كۈيىنى قېرىنداش تۈرك خەلقىگە تۈركچە پۇراق ۋە مۇڭنى قوشۇپ سۇندى. 2015-يىلى ئۇ چىقارغان «راخمانوف ئاناتولىيە قۇرۇلۇشى» ناملىق ئالبوم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. تۈركىيەدىكى «ساباھ»، «ھۈررىيەت»، «يېڭى شەپەق» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەر ئارقا-ئارقىدىن بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى.

مۇساپىر ياشلارغا يۈرەك سۆزۈم

ياشلىقىنىڭ 8 باھارىنى ئاۋسترىيەنىڭ قۇياشسىز كۈنلىرى ۋە سوغۇق كېچىلىرىدە مۇزدەك پىئانىنونىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئۆتكۈزگەن گۈلدىيار، ئۇيغۇر خەلقى بولۇپمۇ ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان، بۇ ھوقۇقسىزلىق، بۇ سەرسانلىق ۋە بۇ مۈشكۈلاتلارنى بىر سىناق، بىر پۇرسەت دەپ قارايدۇ. ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۇ بارغان دۆلەتنىڭ تىلىنى پۇختا ئىگىلەش، ئىشلەشكە ئائىت قائىدە قانۇنلارنى بۇرۇنراق ئۆزلەشتۈرۈپ بىرەر ئىشقا كىرىشىنى ئۇتۇقلۇق ھاياتنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇزىكا ساھەسىدە ياۋروپادا يىللاپ جاپا چېكىپ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى تۇمانلىق يىللاردىن كېيىنكى ئاپتاپتەك تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ياشلارنى مۇساپىرلىق دەرتلىرىدە مۇڭلانماي، ئىشقا، جاپاغا، ئۆگىنىشكە ھەر قاچان ئۆزىنى ئۇرۇپ، قانلىرىنى قىزىتىپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ ياشلارغا تۇمانلىق كۈنلەر ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ پارلاق قۇياشنى تۇنجى كۆرگۈچىلەرنىڭ ھامان ئۈمىدلىك سەھەرچىلەر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇتۇقنىڭ بۆشۈكى ئائىلە

گۈلدىيارنىڭ دادىسى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئائىلە تەربىيەسىنى گۈلدىيارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن بۆشۈك بولغان دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ سەنئەتكە ئاشىق ئىكەنلىكىنى، كىچىكىدە ئانىسىدىن دۇتار ئۆگەنگەنلىكىنى، كېيىنچە ئابدۇرەھىم ھېيتتا تەربىيە ئالغانلىقىنى، ئايالى گۈلزادەمنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى كەسپى سەۋىيەدە ئورۇنلاشقا قابىل ئىكەنلىكىنى، مۇنداق ئائىلە مۇھىتنىڭ قىزىغا تەسىر قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار قىزىدا مۇزىكىغا قىزىقىش پەيدا قىلىپلا قالماي مۇناسىۋەتلىك كۇرسلاردا مەقسەتلىك تەربىيەلىگەن ئىكەن. گۈلدىيارنىڭ بوۋىسىدىن سىڭدۈرگەن سەھەر تۇرۇشى، ئىشچانلىقى ۋە ئەستايىدىللىقى شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىدىن سىڭدۈرگەن مىللەت سۆيگۈسى ئۇنى بۈگۈنكى ئۇتۇقلارغا يەتكۈزگەن ئىكەن. مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان گۈلدىيار بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىئانىنو كونسېرتلىرىنىڭ دائىملىق مۇزىكانتىغا ئايلانغان. ئۇ 2016-يىلى ئانتاليەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق پىئانىنو مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ، تۈرك تاراتقۇلىرىدا تونۇلغان.

گۈلدىيارنىڭ يېڭى مۇزىكىسىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ، تۈرك مۇزىكانتلارنىڭ باھاسىنى بىلگۈم كەلدى. گۈلدىيارنى مۇزىكا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان، «دادام»، «چۈچۈك ئالمىلار» دېگەن فىلىملارنىڭ رېژىسسورى يىلماز ئەردوغان بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. گۈلدىيارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن جان ئايكال دېگەن مۇزىكانت زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى.

قەشقەردەك قەدىمى پايتەخت ئىستانبۇلدا، گۈلدىيارنىڭ ھۇزۇرىدا زىيارىتىمنى ئاياغلاشتۇردۇم. قۇلاقلىرىمدا جان ئايكالنىڭ «ئۇ ھاياتىنى مۇزىكىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن» دېگەن سۆزلىرى، كۆز ئالدىمدا گۈلدىيارنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلەۋاتقان سەمىمىي، ئېغىر بېسىق چىرايى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەبىيلەرگە بىر خوش خەۋەرنى دېگۈم كەلدى. گۈلدىيار ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن مۇزىكا ئىشلەپ ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.