يېقىندا «بىلىك» نامىدىكى فىرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ناملىق ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىنى نەشر قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلى ئۈچ تىلدا نەشر قىلىنىدىغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي خاراكتېردىكى ئاممىباب پەسىللىك ژۇرنال بولۇپ، ئىچىدىكى ماقالىلەرنىڭ يېرىمى ئۇيغۇر تىلىدا قالغان يېرىمى فىرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىلىدا چىقىرىلغان. مەزكۇر ژۇرنالغا فىرانسىيە ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ فىرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى ماقالىلىرى جەلپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت، چەتئەللەردە ئوقۇش شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رېئال مەسىلىلىرىگە دائىر ئەسەرلىرى بېسىلغان.
بۇ ژۇرنال بۈگۈڭە قەدەر ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي خاراكتېردىكى تۇنجى ژۇرنال بولۇپ، سەھىپىسىنىڭ رەڭدارلىقى، ئۈچ تىلدا تەڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ھەمدە چەتئەللەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوي-خىياللىرى ۋە قىزىقىشلىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم بىر كۆزنەك بولۇپ قالغان. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىنى زور ئىشتىياق بىلەن كۆرۈپ چىققان كامىلە خانىم ئۆز تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.
«ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىراتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان مۇشتەرى چاقىرىقىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەقسىتىمىز پەقەتلا مىللىتىمىزنى فىرانسۇز ۋە ئىنگلىزلارغا تونۇتۇش بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى زوق بېرىش، يۇرت سۆيگۈسىدە دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇرت سېغىنىشىدا چاڭقىغان يۈرەكلىرىگە مەلھەم بېرىش شۇنداقلا قەلەم سەۋدالىرىنىڭ سېھىرلىك قۇرلىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت».
40 بەتلىك بۇ ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىلىرى ناھايىتى رەڭدار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئىلمىي مۇھاكىمىلەر، تارىخ ۋە ئەنئەنە، فىرانسىيەدىكى ھايات ھەمدە ئۇيغۇرلارغا دائىر يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرلىرى قاتارلىق مەزمۇندىكى ماقالە-ئەسەرلەر ئورۇن ئالغان.
«ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۈركىيەدە نەشر قىلىنىۋاتقان «ئانا يۇرت» ۋە «خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ناملىق ئۇيغۇرچە ئىلمىي ۋە پىكرىي تور ژۇرناللاردىن كېيىن يورۇقلۇققا چىققان رەسمىي مەتبۇئاتتىكى يەنە بىر ئۇيغۇرچە ژۇرنال ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، ژۇرنال تەھرىراتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشتەرى بولۇش يولى بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇرچە ژۇرنالنى قوللىشىنى ھەمدە داۋاملىق راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.
«ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تور بېتىنى زىيارەت قىلغايسىز: www. Oghouz.org