2014-يىللىق دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 14-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇيغۇرىستان پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرى قايتا تەشكىللىنىپ، تەرتىپلىك مۇنتىزىم مەشىقنى باشلىۋەتتى.
شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرىستان پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، 2009-يىلى 5-ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇپ، شىۋېتسىيەدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى شۋېت خەلقىگە تونۇتۇشتىمۇ مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.
ئۇلار 2011-يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشىكەن ئىدى.
مەزكۇر كوماندىنىڭ مۇئاۋىن مەشقاۋۇلى ئەركىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئاستىدا پۇتبول ئويناشقا نەقەدەر تەقەززا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرىستان پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن مەشقاۋۇلى دانىيار بۇ قېتىملىق تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىنىڭ ئومۇمى تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.