«شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى» گوللاندىيەدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىللىق مۇسابىقىسىگە قاتناشتى

0:00 / 0:00

2016‏-يىلى 22‏-ماي گوللاندىيەنىڭ ئەيندھوفىن شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىللىق مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتنى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھىلال سپورت كۇلۇبى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ كوماندىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈرك ياشلىرىنىڭ پۇتبول ساھەسىنى قېرىنداشلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھىلال سپورت كۇلۇبىنىڭ ئىدارە ئىشلىرى مەسئۇلى ئەردان ئۇيغۇن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىسمىم ئەردان ئۇيغۇن. ھىلال سپورت كۇلۇبىنىڭ باشلىقىمەن. ھىلال سپورت 1986‏-يىلى قۇرۇلغان. 29 يىلدىن بېرى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. 3 يىلدىن بىرى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىۋاتىمىز. بىلىشىمچە، ئۇلار ئىنتايىن ياخشى قېرىنداشلىرىمىزدۇر. جەسۇر ئىنسانلاردۇر. ئەڭ ياقتۇرىدىغان گۇرۇپپىلىرىمىزدىندۇر. بۇ يىل مۇسابىقىمىزگە ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ قېتىلدى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمىز. بۇ يەردىكى ئىمكانلاردىن بەھرىمەن بولماقنى خالىسا، ئىشىكىمىز دائىم ئوچۇق.»

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى1» ۋە «شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى2» دېگەن نامدا ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ قېتىلغان بولۇپ، بۇ كوماندىنى گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان.

گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىلىرى بىر قانچە يىللاردىن غەلىبىلىك داۋام قىلىپ، ئۆز-ئارا مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم «شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ئىلگىرىكى رايوننى تەمسىل قىلىپ ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىشتىن، دۆلەتنى تەمسىل قىلىپ، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىشتەك يۈكسىلىشنى ئىپادىلىمەكتە.

«شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى» نىڭ ئاكتىپ ئەزاسى، پۇتبولچى ئابلەتجان ئەپەندى يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ كوماندىدىكى پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلار ئارىسىدا، يېقىن كەلگۈسىدە ياۋروپادىكى ۋەتەنداشلار ئارىسىدا بىر مۇسابىقە پائالىيىتى تەشكىللەش توغرىلىق پىلانلار بولماقتا.

بېلگىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بەلگىلىك رول ئويناۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى» نىڭ يەنە بىر ياش ئەزاسى. گوللاندىيەدىكى مەسئۇلىيەتچان ياشلارنىڭ ئۈلگىسى، ئاكتىپ پائالىيەتچى، پۇتبول سۆيەر ئىلشات ئىسلام ئەپەندى، بېلگىيەدىن كەلگەن پۇتبولچى ياشلارنىڭ ۋەكىلى، تاماشىبىنلارغا ۋاكالىتەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سادىقجان سەلەي ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىشتىراكچىلارنىڭ نەزىرىدە، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىككى كوماندىسى كوماندىلار ئارا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پۇتبول ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى نامى بىلەن ئورۇن ئېلىشى كىچىك نەتىجە ئەمەسكەن. يەنە بىرى بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىشتىن، ھەمكارلىشىپ بىر سەپ بولۇشىمۇ ئالاھىدە بىر نەتىجە ئىكەن.

قېرىنداش مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار بىلەن رىقابەتلەشكەن قارشى كوماندىدىكى بىر تۈرك ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مېنىڭ ئىسىم يۈسۈپ ئۆز تۈرك. بېلگىيەدىن كەلدىم. ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا سالام يوللايمەن. ئاللاھ يار ۋە ياردەمچى بولسۇن! ۋاللاھىي تۇيغۇمىز گۈزەل. ئۇلارنى بۇ يەردە كۆرمەك بىزلەرنى تېخىمۇ بەختكە چۆمدۈردى. ئاللاھ خالىسا، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارمۇ ھۆرلۈككە ئېرىشكۈسى. ئاسان ئەمەس، ئەمما ئەڭ قىسقا بىر زاماندا ئۇ زۇلۇم يوقالغۇسى» دېدى.