ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە پىلانلىرى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە 2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن، تېرىنېرلار ۋە پوتپولچى ياشلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە پىلانلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇلار بۇ ھەقتىكى قاراش، پىلان ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى پۇتبولغا بولغان قىززىقىشنىڭ باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن يۇقىرىلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەنىۋى، ماددىي جەھەتلەردىكى قوللىشى تېخىمۇ كۈچەيسە، پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت تۈرى ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشىدىمۇ بىر ئىلگىرىلەش نۇقتىسى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

«ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2016-يىلىدىكى 2-نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى مېرشات ئەپەندى ۋە كالىفورنىيە جامائىتى ئۈستىگەن ئالغان. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تېرىنېرلار ۋە ياش پۇتبولچىلار، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن ئالدىنقى قېتىم ۋېرجىنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە پۇختا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ، كالىفورنىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كالىفورنىيە لوس ئانجىلىس كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى مېرشات ئەپەندى، بۇلتۇر ياز پەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئۆزىنىڭ كالىفورنىيە جامائىتىگە ۋاكالىتەن بۇ يىللىق مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى جاكارلىغاندىن بۇيان، كالىفورنىيە جامائىتىنىڭ ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي، مەنىۋى جەھەتلەردىكى ياردىمى نەتىجىسىدە، قاتناشقان كوماندىلار بۇلتۇرقىدىن كۆپەيگەن بولسىمۇ، بۇ يىللىق مۇسابىقىدىكى مەيدان، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ياتاق ۋە تاماق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، 3 كۈنلۈك مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېرىنېرلاردىن ۋىرجىنىيە كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى جۈرئەت زاھىر ئەپەندى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كالىفورنىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشىغا قارىتا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، پۇتبول گەرچە بىر تەنتەربىيە تۈرى بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇش، دوستلۇق ئورنىتىش، بولۇپمۇ ئانا تىلىدا ئالاقىلىشىش ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئەھمىيىتى زور بولغان بۇ خىل كوللېكتىپ تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە كۆڭۈل بولۇشى ۋە قوللىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈردى.

ۋېرجىنىيە شتاتى ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى.

پۇتبولچىلاردىن ۋاشىنگتون د س ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئارافات دىلشات، ۋېرجىنىيە ۋە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋاشىنگتون د س پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇكەممەل بىر كوماندا بولۇپ شەكىللىنىشىگە، ۋېرجىنىيە فەيرفاكس ئەتراپىدا ياشىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى دائىم ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى، پۇتبولغا يېتەكلەش ۋە ئەينى يىللىرى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ھەۋەس، قىزىقىشى تۈرتكىسىدە 10 نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە بۈگۈنكى ھالغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كوماندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلان ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تېرىنېر جۈرئەت زاھىر ئەپەندى، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدىن قالغان بارلىق ۋاقتىنى بۇ بالىلارنىڭ پۇتبول مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت خالىسانە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۆزى دەسلەپ ئامېرىكىغا كەلگەن مەزگىللەردە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىكى ئۆملۈك ۋە ئىناقلىق شۇنداقلا بالىلاردىكى پۇتبولغا بولغان ھەۋەس ۋە قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر جامائىتىدىكى بۇ خىل روھنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ۋاشىنگتون د س دىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرىنىڭ پۇتبولغا ئوخشاش تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئانا يۇرتتىن يىراق بولغان ئەللەردە ساقلىنىپ قېلىشى ۋە داۋاملىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.