ئۇيغۇرلار نەزىرىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە پۇتبول روھى

0:00 / 0:00

بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يەنە بىر قېتىم ئوخشىمىغان ئەل ۋە خەلقلەرنىڭ مىللىي جاسارىتىنى نامايان قىلماقتا. مۇسابىقە يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن بىر پەيتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە پۇتبول روھى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە سۇندى.

سوئال: ھۆرمەتلىك دوكتور جۈرئەت ئوبۇل، ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن! سىزگىمۇ مەلۇم، ھازىر بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى. تۈنۈگۈن گېرمانىيە كوماندىسى 1 گە قارشى 7 توپ كىرگۈزۈپ ساھىبخانا كوماندا بولغان بىرازىلىيە كوماندىسىنى يەڭدى. سىز ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، ئامېرىكانىڭ ۋاقتى بىرازىلىيەنىڭ ۋاقتى بىلەن ئاساسەن ئوخشىغاچقا، ئەتىگەنلىك ياكى چۈشتىن كېيىنلىك مۇسابىقىلەرنى دەل ۋاقتىدا كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى. شۇڭا ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆرۈۋاتىمەن.

سوئال: سىزچە، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە تەرەپلىرى بارمۇ؟
جاۋاب: مېنىڭچە، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرى ھەر مەيدان مۇسابىقىلەردە توپ چۈشۈش نىسبىتى ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن يۇقىرى بولدى. مەسىلەن، بىرازىلىيە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىسىنى ئېلىپ ئېيتساق جەمئىي 8 توپ چۈشتى. بۇنىڭدا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك توپنىڭ ياسىلىشى، بولۇپمۇ ياسىلىش سۈپىتىدە ئالاھىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا، بىر قىسىم كۈچلۈك كوماندىلار، مەسىلەن ئىسپانىيە، ئەنگلىيە ۋە ھەتتا بىرازىلىيەدەك كۈچلۈك كوماندىلار شاللىنىپ قېلىپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادىكى بىر قىسىم كىچىك دۆلەتلەرنىڭ كوماندىلىرى ئۆزىنى كۆرسەتتى. مەسىلەن، بۇ قېتىم كوستارىكا، ھوندۇراس، كولومبىيە، چىلى ۋە ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەر كوماندىلىرى مەيلى توپ ئويناشتىكى ماھارىتى ياكى تېخنىكىسى جەھەتتىن بولسۇن ھەممىسىنى ھەيران قالدۇردى. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئىلگىرىكىدەك ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان چولپانلارغىلا مەركەزلىشىپ قېلىش خاھىشىدا ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن، مەيلى كىرىستىئانو رونالدو بولسۇن ياكى شاۋېي بولسۇن، بۇ خىلدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار ئۆز رولىنى ئۇنچىلىك جارى قىلدۇرالمىدى. ھالبۇكى، ئىلگىرى تونۇلمىغان، ياش ماھىرلار بىراقلا ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇسابىقىلەردىكى كوللېكتىپچانلىق روھمۇ ئىلگىرىكى نۆۋەتلەرگە قارىغاندا خېلى يۇقىرى بولدى.

سوئال: بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ماھارىتى ۋە رىقابەت ئىقتىدارى ئالاھىدە نامايان بولدى. سىزچە، بۇنداق بۆلىشى بۇ كوماندىلارنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن ھاۋا ۋە مۇھىتقا كۆنۈش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن بولغانمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك مەۋجۇت. كوستارىكانى ئېلىپ ئېيتساق، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن بىرازىلىيەگە يېقىن. ھاۋا ۋە مۇھىتقا نىسبەتەن ئۇلاردا ماسلىشىش كۈچلۈك. ئۇندىن باشقا، بۇ قېتىم ھوندۇراس، كولومبىيە، چىلى قاتارلىق ئىلگىرى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاخىرقى مۇسابىقىلىرىگە كىرىپ باقمىغان كوماندىلار ئۆزىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدا بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى رول ئوينىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقىدىن بولغان. چۈنكى دۇنيا لوڭقىسىدا تاللىنىپ چىقىش پۇرسىتى ۋە رىقابىتى ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كوماندىلارنىڭ ھەر جەھەتتە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى ۋە نەق مەيدان رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندىلار شاللىنىپ قالدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ سەۋەبى بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك ماسلىشىشتىكى قىيىنچىلىق دېسەكمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ كوماندىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى كۇلۇپلاردا داۋاملىق توپ تېپىدۇ. كۇلۇبلار ئارا رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا ئۇلارنىڭ توپچىلىرىدا بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھېرىپ قېلىش كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ماھىرلىرىدا يېشىنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ياكى قېرىلىشىش ئالامەتلىرىمۇ مەۋجۇت. ھالبۇكى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كوماندا ئەزالىرىدا ياشلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. ئۇلار مەيلى جىسمانىي قۇۋۋەت ياكى جاسارەت جەھەتتىن ئېيتمايلى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتنى كۆرسەتتى. مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇيغۇرلاردا توپ دېگەن دۈگىلەك نەرسە دېگەن گەپ بار. شۇڭا پۇتبولدا مۇتلەق ھالدا ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ مەستانىلەرنى جەلپ قىلىدىغان تەرىپىمۇ دەل شۇ يەردە.

سوئال: سىزچە، پۇتبولدىن ئىبارەت تەنتەربىيە ساھەسىدە مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ بۇ تۈرنىڭ مەلۇم ئەل ۋە مىللەتنىڭ مىللىي روھى ياكى مىللىي جاسارىتى بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟
جاۋاب: مېنىڭچە پۇتبول روھىنىڭ مەلۇم ئەل ۋە مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتى بار. مەسىلەن، گېرمانىيە كوماندىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ توپ ئوينىشى خۇددى گېرمانلار ياسىغان ماشىناغا ئوخشاشلا پۇختا ۋە سىپتا. ئۇلاردا چولپانلار ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلمايدۇ. پۈتۈن كوماندا ئەزالىرىدا كوللېكتىپ روھ مەۋجۇت. ھەر بىر توپچى كوماندىدىن ئىبارەت كوللېكتىپ گەۋدە ئىچىدە تەشكىللىك، ئىنتىزاملىق ئاساستا ئوينايدۇ. بۇ گېرمان مىللىتىنىڭ مىللىي روھى ۋە مىللىي خاراكتېرىنىڭ توپتا ئىپادە قىلىنىشىدۇر. ئەمدى بىرازىلىيە كوماندىسىنى ئالساق، ئۇلارنىڭ توپ تېپىشى يەڭگىل، ئەركىن، ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ئوينايدۇ. مېنىڭچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بىرازىلىيە كوماندىسىنى ئۆزلىرىنىڭ غايىۋى نىشانى قىلىپ مۇسابىقە كۆردى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ توپ تېپىشىمۇ مەلۇم جەھەتتە بىرازىلىيە كوماندىسىغا ئوخشاشلا ئەركىن ۋە يەڭگىل. بىرازىلىيەدە سامبا دەيدىغان بىر ئۇسۇل بار، شۇنچىلىك يەڭگىل ۋە لەرزان. بىرازىلىيە كوماندىسى توپ تەپكەندە كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا خۇددى سامبا ئۇسۇلىدىكى بەزى ھەرىكەتلەر نامايان بولىدۇ. ناۋادا پۇرسەت كېلىپ ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالىسا ياكى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان بىر مۇمكىنچىلىك تۇغۇلۇپ قالسا، ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇرلار ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى بىراقلا جەۋلان قىلدۇرالايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۇسۇلدىكى تۇغما سېزىمى بىلەن پۇتبولغا بولغان تەبىئىي ھەۋىسى يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار پسىخىك مايىللىق ياكى خاھىش جەھەتتىن ئۆزىنى ياۋروپا كوماندىلىرىغا قارىغاندا بىرازىلىيە ياكى ئارگېنتىنا كوماندىلىرىغا يېقىن تۇتىدۇ.