ئۇيغۇر پوتبولچىلارنىڭ شان شەرەپكە ئېرىشىشى تەس، شەرەپنى ساقلىشى تېخىمۇ تەس

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك - 5 باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى خىتاي مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارقىدىنلا يەنە دۇنيادىكى 10 چوڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىرى بولغان «ئۈمىد لوڭقىسى» ئۆسمۈرلەر خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ - 4 نۆۋەتلىك چېمپىيونلۇق تاجىسىنى كىيدى.

بۇ كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ سېھرىي كۈچىنى دۇنياغا نامايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا بولغان ئۈمىد ئۇچقۇنىنى يالقۇنغا ئايلاندۇرماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بەزى پۇتبولچىلار، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى شان شەرەپ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارا كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرغان كەسىپلىشىش ۋە مۇنتىزم ئىقتىسادتىن ئىبارەت رەھىمسىز رىئالنى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە، بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

ھەممىسى ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلاردىن تەشكىللەنگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر يارمۇھەممەت مەخسۇت، ئىسھاقجان ئابلىز، ئېلىجان ياسىن قاتارلىق كۆيۈمچان تىرېنېرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە - 15 ئىيۇلدىن 18 - ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبولى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن - 21 - ئىيۇلدىن 25 - ئىيۇلغىچە ۋېيفاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 - نۆۋەتلىك «ئۈمىد لوڭقىسى» ئۆسمۈرلەر خەلقئارا پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدىمۇ چېمپيونلۇقنى قوچۇپ، پۇتبولغا ئاشىق ئۇيغۇر خەلقىنى، ئاتا - ئانىلار ۋە ئۇستازلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدۈردى.

پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن سۈرەتلىك ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۇتبول ئۇمىدى بولغان بۇ كىچىك ئەزىمەتلەر30 - ئىيۇل زەپەر قوچۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئانا مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك - 5 باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدا ئۇلارنى قوچاق - قۇچاق گۈللەرنى، سوۋغاتلارنى كۆتۈرگەن ئاتا - ئانا ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئادەم قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە كۈتۈۋالغان.

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە 6 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ نۇرغۇن رەقىپ كاماندىلارغا ئون نەچچىدىن توپ ئۇرۇپ جەمئىي 71 توپ كىرگۈزگەن. خەلقئارالىق مۇسابىقە بولغان ئۈمىد لوڭقىسى ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا كىچىك ئەزىمەتلەر جەمئىي يەتتە مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ھەمدە ھەممە مەيداندا ئۇتۇپ، جەمئىي 43 توپ كىرگۈزۈپ ئۈچ توپ كەتكۈزۈپ، چېمپىيونلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالغان. جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «ھەممىدىن بەكرەك كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغىنى شۇ بولدىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ئەندىشە قىلغان، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك دەپ قارالغان كورىيەنىڭ ئىككى كوماندىسىنى ۋە ياپونىيەنىڭ بىر كوماندىسىنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈچ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە جەمئىي 16 توپ كىرگۈزۈپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ «جۇڭگو كوماندىسى ياپونىيە، كورېيە كوماندىلىرىدىن قورقىدۇ» دېگەن قالپىقىنى چۆرىۋەتتى» دەپ يازغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى ھەممىنى قايىل قىلغان بولغاچقا، خىتايدىكى «خەلق» تورى، «سىنا»، «سوخۇ»، «ۋاڭ يى» قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرى باش ماقالە، خەۋەرلەر ئېلان قىلىپ «قالتىس! شىنجاڭدىن كەلگەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى كورىيە، ياپونىيەنىڭ كوماندىلىرىغا 16 توپ كىرگۈزۈپ غەلىبە قىلدى. مانا بۇلار جۇڭگو پوتبولچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئۈمىدى!» دەپ تەرىپلەشكەن، ئۇلارنىڭ غەلىبىسىگە ئاپىرىن ئېيتقان نۇرغۇن تورداشلار: «شىنجاڭلىق كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ ئالدىدا كورىيە، ياپونىيە كوماندىلىرى نېمىتى؟!» دېگەن خىتاب ئارقىلىق، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسنىڭ تىرېنېرى ئىسھاقجان ئابلىز باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە مۇنەۋۋەر تىرېنېر بولۇپ باھالاندى. بۇ كوماندىدىكى دىلشات كامىل جەمئىي 30 توپ كىرگۈزۈپ «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا، ئالىمجان ئەلى 25 توپ كىرگۈزۈپ «كۈمۈش كەش» مۇكاپاتىغا، قەشقەر شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىكى ئىبراھىم قۇربان 22 توپ كىرگۈزۈپ «مىس كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتى ھېسابلىنىدىغان «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئىبراھىم قۇربان، «كۈمۈش توپ» مۇكاپاتىغا ئالىمجان ئەلى ئېرىشتى. «ئالتۇن پەلەي» مۇكاپاتىغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىكى سۇبات ئەلى نائىل بولدى. دېمەك، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئاساسلىق مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر ئەزىمەتلەر ئالدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم - ئايرىم 150 مىڭ يۈەنگە يېقىن نەق پۇل بىلەن بۇ كوماندىنى مۇكاپاتلىغان.

گەرچە بۇ، ئۇيغۇر پۇتبول تارىخىدىكى تۇنجى غەلىبە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆسمۈر كاماندىلارنىڭ ياراتقان ئەڭ شەرەپلىك غەلىبىسى دېيىشكە بولىدۇ، كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ قوچقان غەلىبىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىمۇ ھاياجانغا سالدى، گوللاندىيىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇسالام ئەپەندى، تورلاردىن مەزكۇر خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ سۇيۇنگەنلىكىنى، ئۇيغۇر پوتبولچىلىقىنىڭ نۇرغۇن جەبىرلەرنى چەككەن بولسىمۇ، يەنىلا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ھېچقاچان يېڭىلمەي، ئۇيغۇرلارغا زور مەدەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن پەخرلىنىدىغانلىقىنى ۋە كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە ئۇمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق تارىخىغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىلا ئەمەس، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىمۇ نۇرغۇن قېتىم شان شەرەپ قۇچقانلىقىنى كۆرەلەيمىز،بولۇپمۇ ھەر قايسى دەرىجىلىك مۇباسىقىلەردىكى نەتىجىلەرنى سېلىشتۇرغاندا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھەر يىلدىكى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسىنىڭ ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا كەسپى كاماندىلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدەك كۆرۈنەرلىك ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئېلىدا كوماندىلاردا توپ تەپكەن، نۆۋەتتە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر توپچىلاردىن ئابلەت، ئىلگىرى مەملىكەت ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە چاقنىغان كىچىك پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ ئانا مەكتىپىدىن، تونۇش كوماندىسىدىن، تونۇش تىرېنېرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر توپچىلارغا ئوخشاش كەلگۈسى قاراڭغۇلۇق ۋە تېڭىرقاش ئىلكىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى، بۇ كىچىك پۇتبولچىلارنىڭ كەلگۈسىنىڭمۇ ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تېرنېرلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىچىدىن تېخنىكىسى، بەدەن شارائىتى ياخشىلىرىنى تاللاپ مەملىكەت ئىچى، ھەتتا چەتئەلدىكى پۇتبول مەكتەپلىرىگە، كۇلۇبلىرىغا يوللاپ تەربىيەلىگەندە، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. ھازىر كوماندىدا تەلەپكە توشىدىغان بالىدىن يەتتە - سەككىزى بار بولۇپ، شارائىت، پۇرسەت يار بەرسە، بۇلارنىڭ كەسپىي پۇتبولچىغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى ئىكەن.

بۇنىڭدىن پەقەت ئاممىۋى ئاساس ۋە قىزىقىش بىلەنلا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى مەملىكەت ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادتىنمۇ بەكرەك ئېرقچىلىق، ئايرىمىچىلىقتىن خالىي، باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە، ئېتراپ قىلىش ۋە قوللاشقا مۇھتاج.

ساخاۋەتچى پۇتبول ئاشىقى يۈسۈپ ئىمىن ھاجى «پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى»، «تۆت شەھەر پۇتبول مۇسابىقىسى» دېگەندەك مۇسابىقىلارنى ئۇيۇشتۇرغاندىن سىرىت يەنە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىمۇ ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان مەرىپەتپەرۋەرلەردىن. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇ يەنە ھۆكۈمەت داۋاملىق قوللاپ بەرسە، خەلقئارا ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈشكە قۇربى يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پۇتبول خۇمار ئۇيغۇرلار گەرچە خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلارنى مەيداندىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، يۇسۇپ ئىمىنگە ئوخشاش ساخاۋەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆز دىيارىدا مۇسابىقىلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ، يۈسۈپ ئىمىن ھاجى «شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى جەمئىيىتى» نامىدا ئۆتكۈزىدىغان «2013 - يىللىق شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى» مۇسابىقىسى بۈگۈن 8 - ئاينىڭ13 - كۈنى باشلاندى. كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن: 1998 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن«پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىمۇ دەل مۇشۇ «پۇتبول ئاشىقى» ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.