خەلقئارالىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزى 10 يىلنى بېسىپ ئۆتتى

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى، بۇندىن 10 يىل مۇقەددەم 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان ئىدى، مەرھۇم ئۇيغۇر سەنئەتكار كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن قۇرۇلغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىننىڭ تۇنجى خەلقئارالىق تەشكىلاتى بولۇپ، مۇستەقىل ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 300دىن ئارتۇق ئەزالىرى بار.

بۇ مەركەز ھازىرغا قەدەر خەلقئارا مىقياسىدا يالغۇز مەركەزگە ئەزا بولغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرلا ئەمەس، بارلىق يازارلارنىڭ يېزىش ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى، تۈرمىدىكى يازغۇچىلاردىن ياۋا كەپتەر ئاپتورى نۇرمەمەت تۇرسۇن، ئىلھام توختى قاتارلىق ئەسەرلىرى تۈپەيلى تۈرمىلەرگە ئېلىنغان يازغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكى قاتارلىق كۆپ قىرلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرىگە قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچىلاردىن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى مەركىزىنىڭ مۇدىرى شىۋېتسىيەدىكى قەيسەر ئوزغۇن ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەئىسى قازاقىستاندا تونۇلغان يازغۇچى خەمىت ھەمرايېف ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ.