ئاتاقلىق رەسسام سابىتجان باباجانوف: «ئۆز خەلقىم ۋە ۋەتىنىمنى ئەسەرلىرىمدە جانلاندۇردۇم»
2018.05.16
20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قىرغىزىستانغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، بۇ دۆلەتنىڭ سادىق پۇقرالىرىدىن بولۇپ قالدى، ئۇلار ئارىسىدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئالىي دەرىجىدىكى ئۇنۋانلارغا ئېرىشىپ، ھۆكۈمەت تەقدىرنامىلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇلارنىڭ بىرى سابىتجان باباجانوفدۇر. ئۇ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك سىڭدۈرگەن رەسسامى بولۇپ، يېقىندا ئۇ ئۆز كۆرگەزمىسىنى ئاچتى.
مەزكۇر كۆرگەزمە ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلىنىپ 7-مايدىن 31-مايغىچە داۋام قىلىدۇ. كۆرگەزمىدە 95 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى پەلسەپىۋى مەنىلەردىن كۆرسىتىلگەن.
سابىتجان باباجانوفنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يازغۇچىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئانا-ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈلىرىنى، ھەسرەتتە ئۆتكەن ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن.
سابىتجان باباجانوف ھەر يىلى ئۆز كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەدەپ-ئەخلاققا چاقىرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەر بىر رەسىمى-چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. مەزكۇر كۆرگەزمە چىنىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەش، ئۇيغۇر مىللى-كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ھەقتە نوۋوپوكروۋكا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى پەرىدە نىزامىدىنوۋا ئۆز پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلدى.
قىرغىز خەلقىنىڭ دۇنيا بويىچە مەشھۇر يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇيغۇر رەسسامغا تاپشۇرۇلغانلىقى سابىتجان باباجانوفنىڭ ماھىرلىقى، مېھنەتكەش ۋە بىلىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. چىڭگىز ئايتماتوف تۇغۇلغان شېكەر يېزىسىدىكى مۇزېيغا سابىتجان باباجانوف رەھبەرلىك قىلىدىكەن.
نېۋرولوگىيە ئىلمىنىڭ پروفېسسورى نۇمۇھەممەت باباجانوف ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى بايلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئىلىمپەرۋەرلىككە چاقىردى.
قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئاخىرقى يىللىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا. بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى بىر پائالىيەتلىرى چەكلىنىشلەرگە ئۇچرىماقتا. بۇنداق شارائىتتا سابىتجان باباجانوفنىڭ كۆرگەزمىسى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سادىق ۋەتەنداشلار ئىكەنلىكىنى، قىرغىزىستاننى ئۆز ۋەتىنىدەك سۆيىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قىرغىزىستاننىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
قىرغىزىستان رەسساملار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى تالايبېك ئۇسۇبالىيېف ئۆز نۇتقىدا سابىتجان باباجانوفنىن ئىجادىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا «قىرغىزىستان خەلق رەسسامى » ئۇنۋانىنى بېرىشنى رەسساملار ئۇيۇشمىسى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان سەنئەت سۆيەرلەر سابىتجان باباجانوفنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھالارنى بېرىپ، بۇ كۆرگەزمىنىڭ خەلقئارا دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مەزكۇر كۆرگەزمىدە ئۇنىڭ «مەشھۇرلارنىڭ سېيماسى» دەپ ئاتالغان رەسىملىك كىتابچىسى تاماشىبىنلارغا سۇنۇلدى. بۇ كىتابتا ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ رەسىملىرى ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەيدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقىرى، ئەلىشىر ناۋايى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەخمەتجان قاسىمى، سادىر پالۋان قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
كۆرگەزمىنى يەنە قازاقىستان، رۇسىيە، ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن سەنئەت سۆيەرلەر زىيارەت قىلىشتى.
سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوف 2016-يىلى موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋە رۇس خەلقىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تونۇشتۇرغان ئىدى.
سابىتجان ئەپەندى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەنئەت ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق ئەنئەنىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئېھسان» مېدالى ۋە بىر نەچچە تەقدىرنامىلىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.