تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان شىۋېتسىيەدە مەخسۇس كۆرگەزمە ئاچتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.06.01
hashim-qurban-ressam-1.jpg

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىغا قويغان ئىجادىيەتلىرى. 2018-يىلى ماي. RFA/Erkin Tarim

hashim-qurban-ressam-3.jpg

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىغا قويغان ئىجادىيەتلىرى. 2018-يىلى ماي. RFA/Erkin Tarim

hashim-qurban-ressam-4.jpg

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىغا قويغان ئىجادىيەتلىرى. 2018-يىلى ماي. RFA/Erkin Tarim

hashim-qurban-ressam-5.jpg

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىغا قويغان ئىجادىيەتلىرى. 2018-يىلى ماي. RFA/Erkin Tarim

hashim-qurban-ressam-6.jpg

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. 2018-يىلى ماي. RFA/Erkin Tarim

hashim-qurban-ressam.jpg

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. 2018-يىلى ماي. RFA/Erkin Tarim

hashim-qurban-ressam-2.jpg

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىغا قويغان ئىجادىيەتلىرى. 2018-يىلى ماي. RFA/Erkin Tarim

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. سىتوكھولم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن قازاقىستاننىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «دىيار» ناملىق مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بىر ھەپتە داۋاملاشقان. مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 50 پارچىدىن كۆپرەك رەسىم قويۇلغان.

رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى 30 يىلدىن بۇيان رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قاپاققا رەسىم سىزىش ۋە قاپاققا نەقىش ئويۇش قاتارلىق قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە ئويما رەسىم سەنئىتىنى تۇنجى بولۇپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كىشى ئىكەن. 
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، قازاقىستانلىق تونۇلغان رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ سىتوكھولمدا ئۆتكۈزگەن رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. 

بىر ھەپتىدىن بېرى سىتوكھولمدا مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىۋاتقان رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش جەريانى ۋە كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ تەسىراتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. 

تونۇلغان رەسسام ھاشىم قۇرباننىڭ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قويغان 50 پارچە رەسىمى قانداق ئۇسۇلۇپتا ۋە ئارقا كۆرۈنۈشتە سىزىلغان؟ رەسىملەرنىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنى نېمىلەردىن تەركىب تاپقان؟ رەسىملەردە نېمىلەر تەسۋىرلەنگەن؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ھاشىم قۇربان ئەپەندى مەزكۇر رەسىملەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تارىخىي ئەنئەنىلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر جامائىتى ياشىماقتىكەن. بىر ھەپتە داۋاملاشقان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە يەرلىك شىۋېتلاردىن سىرت يەنە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىشقان. رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ ئۈز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

بۈگۈن، يەنى 31-ماي كۈنى سىتوكھولمدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىممۇ بار بولۇپ، ئۇ مەزكۇر كۆرگەزمىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇسلۇبىدىكى رەسىملەرنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزى رەسىملەرنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

شىۋېتسىيە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى زامان تارىخىنى ۋاراقلىغاندا شىۋېتسىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى قويۇق مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار ھاياتىغا دائىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى زادى نېمە؟ سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتىن ياخشى تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتىن ياخشى تونۇشتۇرۇلمىغانلىقىنى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «دىيار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى قانداق بىر سەنئەتكار؟ ئۇنىڭ رەسىم ئىجادىيىتى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى نېمە؟ بىز بۇ ھەقتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 
مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، رەسسام ھاشىم قۇربان قاپاقنىڭ ئۈستىگە رەسىم سىزىشنى كەشىپ قىلغان كىشى ئىكەن. ئۇ، رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ رەسىم ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندىمۇ ھاشىم قۇرباننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىگە خاس رەسىم سىزىش ئۇسلۇبى بىلەن تونۇلغان رەسسام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

ھاشىم قۇربان ئەپەندى ھازىرغىچە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئۆزبېكىستان، ۋېنگىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ، سىزما سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان ۋە رەسىملىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 

رەسسام ھاشىم قۇربان 1957-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1961-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندا ياشاپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ 1981-يىلى قازاقىستاندىكى ن. ۋ. گوگول سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1984-يىلىدىن تارتىپ مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. رەسسام ھاشىم قۇرباننىڭ ئەسەرلىرى 1982-يىلىدىن تارتىپ كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇشقا باشلانغان بولۇپ، ئۇ 2005-يىلى قازاقىستاننىڭ «ئىلھام مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.