0:00 / 0:00
5-نويابىر قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى مەركىزى رەسىملەر كۆرگەزمە زالىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى سابىت باباجانوفنىڭ رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جانىش ئېركىبايېف رىياسەتچىلىك قىلغان.
كۆرگەزمە ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلانغان. قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئارتۇق ھاجى ھاجىيوف قاتارلىق كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەپ، سابىت باباجانوفنى تەبرىكلىگەن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.