20-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر سەنئەتكارلىرى شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات ساياھەت ھەم سودا مەركىزىدە ئويۇن كۆرسىتىپ، ھەر ساھە خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇلى، ئۇيغۇر سەنئەت كىيىملىرىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن كىشىلەرنى زوقلاندۇردى.
20-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى بۈۋى مەريەم مەيدانىغا مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلغان ئىدى. ميۇنخېن شەھەرلىك «ئۆزىنى قوغداش مەركىزى» تەرىپىدىن بۇ كەڭرى سەيناغا بۇ كۈنى نۇرغۇنلىغان تەشۋىقات پونكىتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر پونكىت ئىنسانلارنىڭ راك كېسەللىكلىرى، ئەيدىز كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق تۈرلۈك خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تېببىي ساۋاتلاردىن دەرس بېرىشنى مەقسەت قىلىشقان ئىدى. سەينانىڭ بىر تەرىپىگە چوڭ سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سەھنىدە گېرمانلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتاتتى. بىر كەمدە سەھنىدە، ئۇيغۇرچە كىيىنگەن بىر خانىم پەيدا بولدى-دە، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى، سەنئىتىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ سەھنىنى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە بوشاتتى. سەھنىدە ئون نەچچە ياشلىق ئۇيغۇر قىزلىرى پەيدا بولدى. ئۈنئالغۇدىن ياڭرىغان گۈزەل ئۇيغۇرچە ناخشىلار، چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار ۋە نەپىس مىللىيچە كىيىملىرى بىردىنلا كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىۋەتتى.
ئەتراپقا يىغىلغان مىڭلىغان تاماشىبىنلار سەھنە ئەتراپىغا توپلىشىپ، ئۇيغۇرچە نومۇرلارنى زور قىزىقىش بىلەن تاماشا قىلدى. ھەربىر نومۇر ئاخىرلاشقاندا، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شەھەر مەركىزىدىكى شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئالدىدا سەھنىنىڭ كەسپىي سەنئەتكارلاردىن كېيىنلا، ئۇيغۇرلارغا بېرىلىشى ۋە يېشى 16 دىن تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ھېچ ئوخشىمايدىغان گۈزەل ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنى بىلمىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. كىشىلەر نومۇر ئورۇنلاۋاتقان بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى سەنئەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن نۇرنىسا خانىم ۋە سەنئەت ئۇستازى خالىسە خانىملاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار سورىدى.
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يالغۇز كىشىلىك ناخشا، ئۈچ كىشىلىك ئۇسۇل ۋە كۆپ كىشىلىك ئۇسۇللارنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. نۇرغۇنلىغان كەسپىي مۇخبىرلاردىن سىرت، بۈۋى مەريەم مەيدانىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەرمۇ سەھنىدە ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئەتلەس كۆڭلەك، چىمەن دوپپىلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى ۋە ئەتراپتا توپلىشىپ تۇرغان ساپ مىللىيچە كىيىمدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بەس-بەستە سۈرەتلەرگە تارتىۋېلىشتى. ئەتراپتىكى تاماشىبىنلار ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۇسۇل ئويناۋاتقاندا ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ چاۋاكلار چېلىپ، مەريەم مەيدانىدا تولىمۇ جۇشقۇن بىر كەيپىيات ياراتتى.
ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئۇستازى خالىسە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېرمانلار ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن بۇ سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ بارغانسېرى يەرلىك خەلقنىڭ كۆزىگە چېلىقىۋاتقانلىقى ۋە قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدە يىللاردىن بېرى ھەرخىل مەدەنىي، ئەدەبىي ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى تەشكىللەپ، ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان نۇرنىسا خانىم بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرىنىڭ گېرمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش، ئالدىمىزدىكى ئايلار، يىللاردىمۇ، يەنە سەھنىلەردە نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇتۇشتا ئەڭ ياخشى ۋاسىتىلەردىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.