«ئۇيغۇر سەنئىتى ئۇيغۇرنىڭ ماركىسى، سەنئەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنيا خەلقىگە تەرجىمىسىز تونۇشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. سەنئەت مىللەتنى ھۆرلۈككە چاقىرىدىغان مارش، ئۇ ئەجدادلاردىن قالغان پوروخسىز قورال» دېيىشتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بوغۇلۇشى ۋە سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا مۇھاجىرەتتىكى زىيالىيلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. سۆھبەتكە گېرمانىيە ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئابدۇشۈكۈر ھاجى، پەرھات تەڭرىتاغلى، گۈلزادە تەڭرىتاغلى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ تەشۋىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى خۇددى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» جەريانىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەنىۋى زوراۋانلىقىغا ئوخشاشلا نەتىجىسىز ئاياغلىشىدىكەن.
خىتايدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر سەنئىتىگە بولغان تاجاۋۇزنىڭ توختىمايۋاتقانلىقىنى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، تۈركىيەدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭچە تۈپ سەۋەب سەنئەتنىڭ قوزغاش قۇدرىتىدە، روھلاندۇرۇش سېھرىدە، شۇنداقلا مىللەت، دىن ۋە سىياسىي چەكلىمىلەرنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان تەسىر كۈچىدە ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۇيغۇرنىڭ ماركىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جاھانغا تونۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
دوكتور گۈلزادە خانىم 90-يىللاردا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپانى ئايلىنىپ ئويۇن قويغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغلاردىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ساقلاپ قېلىشتا سەنئەت مۇستەھكەم ئىستىھكاملىق رولىنى ئوينايدىكەن.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى دىنى ۋە مىللىي جەھەتتىن جەھەتتىن بىرلىككە، ئۆملۈككە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۈندەۋاتقان ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر ھاجى خىتاي كومپارتىيەسى رادىكاللىق، تېررورلۇق نۇقتىسىدىن تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت نۇقتىسىدىن خىتاي خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن باغلاپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى قارا نىقاب، قارا بايراقلىق تېررورچىلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئوخشىتىپ يوق قىلىشقا كۈچىنىۋاتقان مۇشۇنداق ئەجەللىك پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى تەخىرسىز ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەت مىللەتلىك بەلگىلىرى ئىچىدە ئورتاق تىل قانچىلىك مۇھىم بولسا ئورتاق سەنئەت ئەنئەنىسىمۇ شۇنداق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. دوكتور ئەسەد سۇلايمانمۇ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مەيلى قانداق پەرقلىق بوستانلىقلارغا تارالسۇن، مەيلى قانداق ئوخشىمىغان ئىسىملاردا ئاتالسۇن مۇقام، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى بىرلىكنىڭ پۈتكۈل مىللەتكە ئورتاق بولۇپ كەلگەنلىكىنى يازغان.
ئىگىلىشىمىزچە 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇھاجىرەتتىكى قەدەم قويغان ئۇيغۇرلاردىن كۈرەش كۆسەن، پەرھات تەڭرىتاغلى، گۈلزادە تەڭرىتاغلى قاتارلىقلار سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى جاھان ئەھلىگە بىلدۈرۈشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
بولۇپمۇ مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە شىۋېتسىيە خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانسامبىلى، گېرمانىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە جەنۇبى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنيا جامائىتىگە تونۇتۇشتا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتسۆيەر ئوبرازىنى نامايان قىلىشتا ئۆرنەكلىك رول ئويناپ كەلمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00