ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەنئەت يۇرتى ئارتىسلىرى بەش كۈن مابەينىدە قازاقىستاندا «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» نامىدىكى تىياتىرلاشتۇرۇلغان كونسېرت پروگراممىسىنى قويدى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، مەركەز يېنىدىكى «جانان خانىم-قىزلار فوندى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە قازاقىستان مەدەنىيەت ھەم ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر كونسېرت 25-مايدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا، ئاندىن ئۈچ كۈن ئالماتا شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت سارىيىدا، ئىككى كۈن جولداسبېكوف نامىدىكى ئوقۇغۇچىلار سارىيىدا ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئېلى ئارتىسلىرىنىڭ قازاقىستاندا كۆرسىتىۋاتقان كونسېرت پروگراممىلىرى ئىككى مەملىكەت مەدەنىيەت ئىدارىلىرىنىڭ كېلىشىمى نەتىجىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 2014-يىلنى ئاخىرىدا ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ ئالماتادا ئۆتكەن كونسېرت پروگراممىسى بىلەن بۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلىدىن چىققان ئىدى. «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» كونسېرت پروگراممىسىنى ئالماتا شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېفنىڭ پىكرىچە، مۇنداق كەڭ دائىرىدىكى كونسېرت پروگراممىسى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن «مەڭگۈلۈك ئەل» دۆلەت پروگراممىسى ھەمدە قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ شۇنداقلا مۇنداق دەرىجىدىكى ۋە مەزمۇندىكى كونسېرتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ يېڭىلىق دەپ قاراپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كونسېرتنىڭ پايدىسى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز، سەنئىتىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز، تارىخىمىز كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ‹يىپەك يولى› ۋە باشقىمۇ پروگراممىلار بويىچە ئىككى تەرەپ قوللىغان خەلقلەر دوستلۇقىنى ناھايىتى ئەتراپلىق كۆرسەتكەن پروگرامما بولۇپ چىقتى. كونسېرتقا قاتناشقان ئون مىڭ كىشى ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئارتىسلارنى ياخشى قارشى ئالدى.»
ئۇيغۇر ئېلى ئارتىسلىرىنىڭ كونسېرت پروگراممىلىرى دائىم قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكى ئېنىق. بۇ قېتىمقى كونسېرت ئالماتادا بەش كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنى ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە كۆرەلمىگەن. ز. قۇرۋانباقىيېف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ نۇرغۇن قىسمى ئىشتىن بوشىماي، بەزىلىرى ئائىلە قىيىنچىلىقلىرى بىلەن بارالمىغانلىقتىن بۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچىلار قۇلاقلىرىغا يەتكەن. دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن كېلىشىپ، ئارتىسلار يەنە ئىككى كۈن ئۇيغۇر تىياتىرىدا بىكارغا ئويۇن قويىدىغان بولدى.»
مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بولۇپمۇ ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا چېگرىداش پانفىلوف ۋە ئۇيغۇر ناھىيىلىرىدە، شۇنداقلا ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرى، ئالماتا شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە جايلاشقان. ئالماتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى ھەر يىلى ئەنە شۇ ناھىيىلەردە ئويۇن كۆرسىتىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئارتىسلارنىڭ كونسېرتىنى يىراق يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ كۆردى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى مايمىنەم ساۋۇتوۋا ئۆز يۇرتداشلىرىنىڭ ھەر يىلى ئالماتادا ئۆتىدىغان ھەر قانداق مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر سەنئىتى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، تارىخىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەردىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ تۇرغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ كونسېرتىنى كۆرۈش ئارزۇسىدا يىگىرمىدىن ئوشۇق يۇرتدىشى بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «‹مەڭگۈلۈك مەشرەپ› كونسېرتى كۆڭلىمىزدىن چىقتى. مەن شۇ قېرىنداشلىرىمغا زور سالامەتلىك، ئىشلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلارنىڭ تىلەپ، ئاپىرىن دېمەكچىمەن. ‹مەڭگۈلۈك مەشرەپ› بىزنىڭ قەدىمىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. بۇ يەردە ناخشىلار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭدى. بۇ كونسېرت بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆپلىگەن سەنئەتكارلار كۆچۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن يىللار مابەينىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر مىللىي سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھازىرمۇ ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىن ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ چىقىشىنى چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن كۈتمەكتە.