تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئاماسيا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان سەنئەت فېستىۋالىنىڭ 18-نۆۋەتلىكى قۇربان ھېيتنىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.
بۇ فېستىۋالنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كومىتېتى مەسئۇلى ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنئەنىۋى ھالغا كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەت فېستىۋالىنىڭ 18-نۆۋەتلىكىنىڭ 14-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە داۋاملىشىدىغان پائالىيەتكە ئاماسيا ۋالىسى، شەھەر باشلىقى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە يېقىن كەنتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان. بۇ سەنئەت فېستىۋالىدا تۈركىيەدە تونۇلغان ناخشىچى گۈلجىھان قوچ خانىم، ئالپەرەن مادال ئەپەندى قاتارلىقلاردىن سىرت ئاماسيا رايونىدا تونۇلغان سەنئەتچىلەرمۇ ناخشا ئورۇنلايدىكەن.
بىز 18 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان فېستىۋالنىڭ 18-نۆۋەتلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى ۋە بۇرۇن بۇ فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلغان پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى 18-نۆۋەتلىك سەنئەت فېستىۋالىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ ياش ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە كۈلتۈرىنى ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «18-نۆۋەتلىك كۈلتۈر فېستىۋالى ھەر زاماندىكىگە ئوخشاشلا ئاماسيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كەنتىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز، كۈلتۈرىمىزنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش، سىرتتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر جايغا جەم قىلىش، ھەمكارلىشىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. فېستىۋالدا سەنئەتچىلەر ئويۇن قويىدۇ، يېزا خەلقى قول سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ. ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز كۆرسىتىلىدۇ.»
ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ فېستىۋالغا كېلىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ فېستىۋالغا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر تەرىپىدىن كىشىلەر كېلىپ قاتناشسا بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز كېلىپ قاتناشسىمۇ بولىدۇ. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك 8-9 ئاي بۇرۇن، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان ئىدۇق. بۇ يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭگىزخان ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئاناتولىيەگە كەلگەنلىكى، ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغانلىقى، تۈركىيەنىڭ قايسى رايونلىرىغا جايلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى، تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە كۈتىمىز.»
ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان سەنئەت فېستىۋالىنىڭ تۈركىيەگە قەدىمدە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېڭى چىققان ئۇيغۇرلارنى، «ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى رىشتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور پايدىلىق ئىكەنلىكى»نى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئاماسيا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخ توغرىسىدا يىغىنلار ئېچىۋاتقانلىقىنى، فېستىۋال ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيە ئاماسيا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، بۇ فېستىۋالنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئاماسيا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە زېمىنىغا كەلگەن ئىكەن. بۇرۇن 450 ئەتراپىدا ئائىلە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان جاي، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ناھىيە قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى بىلەن ناھىيە بولۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان. ئۇيغۇر سەنئەت فېستىۋالى 1999-يىلىدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلمەكتە بولۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلار فېستىۋالغا قاتناشقان.