تۈركىيەدىكى NTV تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر تاماقلىرى تونۇتۇلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان NTV تېلېۋىزىيەسىدە ھەر يەكشەنبە كۈنى تارقىتىلىدىغان «تادى دىماغىمدا» يەنى «تەمى ئاغزىمدا» ناملىق پروگراممىدا ئۇيغۇر تاماقلىرى تونۇتۇلدى. TV پروگراممىچىسى ۋەدات مىلور ئەپەندى بۇ پروگراممىسىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئاشخانىلارنى تونۇتۇۋاتقان بولۇپ، 3-ئاپرېل كۈنىدىكى پروگراممىسىدا ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى خاقانىيە ئۇيغۇر رېستورانىدا ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇتتى.

ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى يۈسۈپ پاشا مەھەللىسىگە ئېچىلغان خاقانىيە ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ پۈتۈن تاماقلىرىنى تونۇتقان NTV تېلېۋىزىيەسى پروگرامما رىياسەتچىسى ۋەدات مۈللەر ئەپەندى ئۇيغۇر تاماقلىرىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا تاماقلىرى بىلەن يىراق شەرق تاماقلىرى ناھايىتى لەزىز. بىزنىڭ تاماق تەملىرىمىزگە يېقىن، بىزنىڭ 30-40-50 يىل بۇرۇنقى تاماق قىلىش ئۇسۇلىمىزغا ئوخشايدۇ. مەسىلەن، تۈرك ئاشخانىلىرىدا كۆپرەك زاۋۇتتا ئىشلەپچىقارغان شورپىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا بولسا سۆڭەكنى قاينىتىپ چىقارغان شورپىلار بىلەن تاماق قىلىدىكەن. شۇڭا بەكلا لەززەتلىك ئىكەن. مەن ئۇيغۇر تاماقلىرى بىلەن دۇنيا بانكىسىدا ئىشلەيدىغان ۋاقتىمدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇشقان ئىدىم. ھەقىقەتەن لەزىز تاماقلىرى بار ئىكەن. تۈرك خېرىدارلارنىڭ ئاتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاماقلىرىنى يېيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

بىز خاقانىيە ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خوجايىنى ئابدۇللاھ ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خېرىدارلىرىنىڭ كۆپرەك ئۆزبېك، ئەرەب، تۈرك، قىرغىز ۋە ئىرانلىقلار ئىكەنلىكىنى، ن ت ۋ تېلېۋىزىيەسىدە تونۇتۇلغاندىن كېيىن خېرىدارلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللاھ ئەپەندى ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ خېرىدارلار تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ يېيىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا تۈركىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەگە كۆپلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە 2، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سانائەت، تىجارەت، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت شەھىرى ئىستانبۇلدا 20، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ساياھەت شەھىرى ئانتالىيادا 2، قەيسەرى شەھىرىدە 2 بولۇپ تۈركىيەدە جەمئىي 26 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئاشخانىلارنىڭ تاماقلىرى خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تاماقلار تونۇتۇلماقتا.