ئۇيغۇر تارىخىدا «لاداق يولى» ۋە ئەھمەد زىيائىنىڭ «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرى
2015.04.07

«لاداق يولى» ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىدىكى تارىخىي كەچۈرمىشلەر بىلەن سېھىرلىك ئەسلىمىلەرگە باي سودا-ئالاقە يولىدۇر.
ھىمالايا تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان «لاداق يولى» 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان.
تارىخچى مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارغا قارىغاندا، 16-ئەسىردە يەكەن سەئىدىيە خانلىقى «لاداق يولى» ئارقىلىق قوشۇن كىرگۈزۈپ كەشمىرنى بىر مەھەل ئىستىلا قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن كېيىن ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەلچىلىرى «لاداق يولى» ئارقىلىق قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن ئۇچراشقان.
«لاداق يولى» دا يەنە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان تەقۋادارلارنىڭ، سودا-تىجارەت ئۈچۈن ھىندىستانغا يول سالغان كارۋانلارنىڭ شۇنداقلا ۋەتەن سەۋداسى يولىدا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىنسانلارنىڭ ئاياق ئىزلىرى قەپ قالغان.
مەرھۇم ئەھمەد زىيائىنىڭ 1947-يىلى «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىدە بېسىلغان «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «لاداق يولى» تېمىسىغا بېغىشلانغان تۇنجى ساياھەت خاتىرىسىدۇر.
شىۋېتسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاداق يولىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ئورنىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكىدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن غۇلامىددىن پاختا ئەپەندى بۇنىڭدىن 66 يىل ئىلگىرى، يەنى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «لاداق يولى» ئارقىلىق ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
شائىر ۋە يازغۇچى ئەھمەد زىيائى (1913-1989) 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرى. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى مەرھۇم ئەدىب ئەھمەد زىيائى ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان مۇھىم ئەدىب ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
مەرھۇم ئەھمەد زىيائى «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى گومىنداڭ تۈرمىسىدە 552 كۈن ياتقانلىقىنى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ھاياتىغا كېلىۋاتقان خەۋپتىن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئۈچۈن 1946-يىلى 7-ئايدا تەييارلىنىپ، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى قاغىلىقتىن لاداق يولىغا ئاتلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
لاداق سەپىرىدىن كېيىن ئەھمەد زىيائى مەزكۇر ئەسىرىنى يېزىپ تاماملاپ، 1947-يىلىدا «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە كىتابچە ھالىتىدە ئېلان قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن كېيىنكى بىر قاتار بوران-چاپقۇنلاردا بۇ ئەسەرنىڭ ساناقلىق نۇسخىلىرى يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ مەلۇم بولغان يېگانە بىر نۇسخىسى كېيىنچە سىرىناگاردا تۇرۇۋاتقان شىۋېت مىسسىونېرلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق گۇننار ياررىڭنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. گۇننار ياررىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بۇ ئەسەرنىڭ يېگانە نۇسخىسىنى سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىغا تەقدىم قىلىدۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ساياھەت خاتىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.