«ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق كىتاب CD پلاستىنكا قىلىپ نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىم يازغان «ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق كىتاب 4-ئايدا مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەقپى تەرىپىدىن CD پلاستىنكا قىلىپ نەشر قىلىندى. مەزكۇر CD پلاستىنكا كۆزى كۆرمەيدىغان ئەما كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پۈتۈن تۈركىيەدە تارقىتىلىشقا باشلىدى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مۇدىرى كورخان يازغان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ ئەسەرنى بۇرۇن كىتاب شەكلىدە نەشر قىلغان ئىدۇق. پروفېسسور دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىمنىڭ ئالاھىدە تەلىپىگە بىنائەن ئەمالار ئۈچۈن CD پلاستىنكا شەكلىدە نەشر قىلدۇردۇق. بۇ، تۈركىيەدە تارىخ كىتابىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋازلىق قىلىپ نەشر قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.»

كورخان يازغان ئەپەندى بۇ كىتابنى CD پلاستىنكا قىلىپ چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ، كۆزى كۆرمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئەسەر. ئەمالاردىن سىرت، كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت تاپالمىغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلاپ تارىخ ئۆگىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق. ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت دەپ قارايمىز.»

مەزكۇر ئەسەرنى يازغان تونۇلغان تارىخچى گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىم ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلەتلىرى نامىدا ئەسەر تەييارلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخنى، يەنى سېرىق ئۇيغۇرلار، ئۆتۈكەن ئۇيغۇرلىرى ۋە گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى ناملىق كىتابلىرىم نەشر قىلىندى. مەن ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەر ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدىم. كۆزى كۆرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىم كىتابىڭىزنى س د پلاستىنكا شەكلىدە نەشر قىلدۇرسىڭىز، بىزمۇ ئاڭلىساق، دېگەن بولغاچقا، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۇ كىتابنى ستۇدىيودا ئوقۇتۇپ، ئاۋازىنى خاتىرىلەپ پلاستىنكا شەكلىدە نەشر قىلدۇردۇق. خالىغان كىشىلەر تۈرك دۇنياسى ۋەقپى بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىپ ئالسا بولىدۇ.»

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى بۇ CD پلاستىنكىنى نەشر قىلدۇرغان تۈرك دۇنياسى ۋەخپىنىڭ 1980-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تارىخچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەدە كۆپ ساندا مېيىپ، بولۇپمۇ ئەما كىشىنىڭ بارلىقىنى، دۆلەتنىڭمۇ بۇلارغا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاۋازغا ئېلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مۇدىرى كورخان يازغان ئەپەندى ۋەخپىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل خىزمەتلەرنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەقپىمىز 1980-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ بىز بۇ خىل خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىمىز. تۈرك دۇنياسى ھەققىدە كۆپ ساندا كىتاب نەشر قىلدۇق. ژۇرنىلىمىزنى ئىزچىل ھالدا چىقىرىۋاتىمىز. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىۋاتىمىز، بۇ خىل خىزمەتلىرىمىز بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ.»

مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ يازغان «ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسەر 2004-يىلى تۈرك دۇنياسى ۋەقپى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردە 744-يىلى ئۆتۈكەندە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن 850-يىلى تۇرپاندا قۇرۇلغان قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ۋە بۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ياراتقان شانلىق مەدەنىيەت ئاڭلىتىلغان. گۈلچىن چاندارلىئوغلىنىڭ بۇ كىتابىدىن سىرت يەنە سېرىق ئۇيغۇرلار، كەڭسۇ ( گەنسۇ) ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئائىت كىتابلىرى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان كۆپ ساندا ماقالىسى مەۋجۇت.