تەتقىقاتچى سىگىياما: خوتەندە ئۆتكەن ئەرمەن گىلەماخۇن ۋە يەھۇدىي خۇدابەردى ئەرمەنى

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيەدە تەتقىقاتچى سىگىياما توكۇتارونىڭ «مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرى» ناملىق تارىخىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىندى.

مەزكۇر كىتابتا 1936-يىلى گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ھازىرلانغان «گېرمانىيە-ياپونىيە شەرتنامىسى» گە ئاساسەن مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ مەسئۇلىنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ 1936-يىلى ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، كابۇل، پامىر ئېگىزلىكى ۋە ۋاھخان كارىدورى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا يوللىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆمەك خادىملىرىدىن گابۇرېنس ۋە ناگابۇچى سابۇرونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان بەزى بىر تارىخىي ھۆججەتلىرى كىرگۈزۈلگەن.

كىتاب جەمئىي 12 باب، 477 بەتتىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ ئىككىنچى باب تۆتىنچى بۆلىكىدە «ئەرمېنىيەلىك كارېكىن مولدابەك» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا خوتەندە ئۆتكەن ئەرمېنىيەلىك كارخانىچى گىلەماخۇن ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر يەھۇدىي خىزمەتچىسىدىن خۇدابەردى ئەرمەنى توغرىسىدا بەزى بىر مەلۇماتلار بېرىلگەن.

تەتقىقاتچى سىگىياما كىتابىنىڭ بۇ بۆلىكىدە كاپىتان فېننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە گېرمانىيەلىك گابۇرېنسكىنىڭ كارېكىن مولدابەك بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خوتەندە گىلەم توقۇش كارخانىسى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ گىلەم توقۇش كارخانىسىنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا گېنېرال ماجۇڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنى خوتەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بارلىق ئەركەكلەر ئەسكەرلىككە ئېلىپ كېتىلىپ، جەمئىيەتتە سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنداقلا كارېكىننىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرغان شەخسىي بىر كۇتۇپخانىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ «بۇ كۇتۇپخانا خوتەندىكى بىردىن-بىر كۇتۇپخانا ئىدى» دەيدۇ.

ئاپتور بۇ بۆلەكتە يەنە، 1935-يىلى خوتەنگە كەلگەن چەتئەللىك تەتقىقاتچىلاردىن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ۋىللھېننىڭ كارېكىن مولدابەكنىڭ كۇتۇپخانسىدىن كۆپ پايدىلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە «تاتارىستانغا ساياھەت» ناملىق ئەسىرىدە كارېكىننى خوتەن دۆلەتلىك بانكىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ۋىللھېننىڭ ئۆز ئەسىرىدە كارېكىن بىلەن ئۇچىراشقان ۋاقتىنى ئەسلەپ قالدۇرغان بىر قانچە خاتىرە ئەسلىمىسىنى ئاپتور مەزكۇر كىتابنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئالاھىدە كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: «1935 -يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى بىز كارېكىن مولدابەكنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ 80 ياشتىن ھالقىغان بولۇپ ئىنگلىز، فىرانسۇز تىللىرىنى پىششىق بىلىدىغان، تەقى-تۇرقى، ئىش-ھەرىكىتى تىپىك ياۋروپالىقلارغا ئوخشايدىغان، كۆپ تەربىيە كۆرگەن بىلىملىك ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ پۇتلىرى ئىششىپ، كۆزى ۋە قۇلىقى ئاجىزلىشىپ كېسەلمەن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ زېھنى ناھايىتى ئوچۇق، كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ۋە ماتېرىياللارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرلىنىپ تۇرىدىغان زېرەك ئادەم ئىكەن. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي بىلىمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ 3-دۇنيا ئەللىرىنى بەكرەك چۈشىنىدىكەن. بەلكى، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شىنجاڭدا ئۇنىڭدەك زېرەك، ئەقىللىق ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇ ھەممىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن كۆپرەك پەخىرلىنىدىكەن» دېيىلگەن.

تەتقىقاتچى دوكتور ۋىللھېن ئۆز ئەسلىمىسىدە يەنە: «مېنى ھەممىدىن بەكرەك ھەيران قالدۇرغىنى، كارېكىننىڭ ئۈستىلىدىكى ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «تايمېس گېزىتى» نىڭ شۇ يىلى 5-مايلىق سانى» دېگەن.

بۇ بۆلەكتە ئاپتور مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ مەسئۇلى ناگابۇشى سابۇرونىڭ گېرمانىيە لۇتفاھان ھاۋا يوللىرىنىڭ تېخنىك خادىمى گابۇرېنسنىڭ كارېكىن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە قالدۇرغان تارىخىي ئەسلىمىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا«گابۇرېنس، كارېكىندىن «سىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ چەت تىللىرىنى پىشىق بىلىسىز؟ دەپ سورىدى. كارېكىن ‹ مەن ياش ۋاقتىمدا ئىستانبۇلدا رۇس، ئىنگلىز، فىرانسۇز تىللىرىنى پىشىق ئۆگەنگەن. بىز ئەرمەنلەر كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق كېلىمىز. شۇڭا كۆپ ئۇچۇر ئىگىلىشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەيلى ئۇ تىل دۈشمىنىمىزنىڭ تىلى بولسىمۇ» دېدى دېيىلگەن.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ياپونىيەلىك ناگابۇشى سابۇرونىڭ ئەسلىمىسىدە يەنە، كارېكىن گابۇرېنس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا ئۆز ھاياتى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇ،1909-يىلى تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئەرمەنلەر قىرغىنچىلىقىدا ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ۋە ئىككى نەپەر يەھۇدىي خىزمەتچىسى بىلەن تۈركىيەدىن خوتەنگە قېچىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

كارېكىن خوتەنگە قېچىپ كېلىش سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا:«خوتەن، مېنىڭ گىلەم تىجارىتىمدىكى مول خام ماتېرىيال چىقىدىغان جاي» دېگەن.

يەھۇدىي خىزمەتچىسى جوسېف ھەققىدە توختالغان كارېكىن جوسېفنىڭ چىرىيىگە پىلە قۇرۇتى يىغىپ كېلىش تىجارىتىگە بېرىش ئارقىلىق، ئۇ يەردىكى پىلە قۇرۇتى سودىسى قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ھەجەرخان ئىسىملىك قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ۋە دىنىنى ئىسلام دىنىغا، نام شەرىپىنى خۇدابەردى ئەرمەنىگە ئۆزگەرتىپ، ئۇ قىز بىلەن تويدىن قىلىپ، كېيىن كارېكىندىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سودا قىلىپ خوتەن بويىچە ئەڭ باي كىشىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان.

خوتەندە ئۆتكەن خۇدابەردى ئەرمەنى ۋە كارېكىن مولدابەك توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران بۇ ھەقتە توختالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ۋە خوتەن تارىخى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتور كىتابنىڭ «ئەرمېنىيەلىك كارېكىن مولدابەك» ناملىق بۆلەكتە كۆرسەتكەن ياپونىيەلىك مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ مەسئۇلى ناگابۇشى سابۇرونىڭ ئەسلىمىسىدە يەنە، كارېكىندىن گېرمانىيەلىك گابۇرېنسكى «سىزنى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن گىلەماخۇن دەپ ئاتايدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ «1934-يىلى ماجۇڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرى خوتەنگە ھۇجۇم قىلغاندا كۆپلىگەن غەيرىي دىندىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن خۇدابەردى ئەرمەنى بىلەن مەمتىلى قوساق مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشۇمنى تاپىلاپ، بېشىمغا ئاق دوپپا، ئۇچامغا ئاق رەختىن تىلىگەن كىيىم كەيگۈزۈپ، ماڭا گىلەماخۇن دەپ نام بەردى» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى يازغان.

كارېكىن گابۇرېنسقا يەنە:«مەن ھەر كۈنلۈكى ئىنجىل ئوقۇيمەن. ئەرمەنلەرنىڭ يۈرىكىدىكى ئانا يۇرتى ئارارات تېغىدىكى ئەرمەن چېركاۋسىدا» دېگەن.

مەزكۇر ئەسلىمىدە تۈركىيەدىن خوتەنگە كەلگىنىگە 20 يىل بولغان كارېكىننىڭ بۇ يەرگە تەتقىقات ۋە ساياھەت بىلەن كەلگەن كۆپلىگەن ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىق كىشىلەر بىلەن ياپونىيەلىك مەشھۇر بۇددا راھىپلىرىدىن تاچىبانا زۇيچو ۋە يوشىكاۋا كوئىچىرو قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

«مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرى» ناملىق بۇ كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا كارېكىن 88 يېشىدا خوتەندە ۋاپات بولغان ۋە ئۇنىڭ جەسىتى خوتەن شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى مۇساپىرلار قەبرىستانلىقى دەپ ئاتىلىدىغان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپن قىلىنىپ مەقبەرىسى مۇسۇلمانچە ياسالغان.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تارىخى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلىرىدىن ئارىكاۋا يۇكى مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ كىتاب بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خوتەندە ئۆتكەن بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىشىمىزگە ۋە ماجۇڭيىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى چۈشىنىشىمىزگىمۇ كۆپ پايدىلىق» دېدى.

كىتاب ئاپتورى سىگىيام توكۇتارو ياپونىيەدە تونۇلغان ئۇيغۇر گىلەملىرى تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر گىلەملىرىدىن ئۆرنەكلەر»، «قولدا توقۇلغان خوتەن گىلەملىرى»ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئۆز تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا 11 قېتىم بارغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.