«ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» دىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەنىۋىيىتى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.08.15
rian-thum-book-cover.jpg يېتىلىۋاتقان ياش تارىخشۇناس، لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رايان سامنىڭ 2014-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
Photo: RFA

ئۇيغۇرلار دىيارى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھە ئالىملىرىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى. زامانىمىزغا كەلگەندىمۇ مەزكۇر رايون ھەققىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىزدىنىشلەر داۋاملىق ھالدا مەتبۇئاتلاردا كۆزگە چېلىقىدۇ. 2014-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتاب ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بىرى.

ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى يېتىلىۋاتقان ياش تارىخشۇناس، لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رايان سام بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا تاماملىغان كۆپ يىللىق ئەمىلى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. ئاپتور بۇ جەرياندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارغانسېرى يوقىلىپ مېڭىۋاتقان دىنىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ، جۈملىدىن ھەرقايسى يۇرتلاردىكى مازارلار ۋە ئۇلارغا باغلىنىشلىق ھادىسىلەرنىڭ ئۆتكەن ئەسىرلەردە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك ۋە تارىخ چۈشەنچىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىدا «مۇقەددەس يول» شەكلىدە مەۋجۇت بولغانلىقىنى نۇقتىلىق بايان قىلغان. رايان سامنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مازارلىرىدىكى رىۋايەتسىمان تېكىستلەر بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىتابقا ماۋزۇ قىلىپ قوللانغان ‹مۇقەددەس يول› ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا تارىخ تەسەۋۋۇرى بولغانلىقى، بۇ تارىخنى ئۆزلىرى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە يەنە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭمۇ بولغانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ يوللارنىڭ ھەرقاچان مۇقەددەس سانىلىدىغان تېكىستلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرمەكچى بولدۇم. بىزدە ئومۇملاشقان شۇنداق بىر كۆزقاراش بار: بۇنىڭدا تارىخ ياكى تارىخ تۇيغۇسى ئۇلۇغ شەخسلەر، ئۇلۇغ ئالىملار ياكى باسما بۇيۇملار تېخنىكىسى دېگەندەك ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمىدە كىشىلەرنىڭ قەلب دۇنياسىغا بارىدىغان بىر يول ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن بۇ مەزگىلدە بولسا تارىخ چۈشەنچىلىرىدىن بىرلىكتە ھەمبەھىرلىنىش ئەھۋالى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تولىمۇ غەيرىي بولغان بىر شەكىلدە يول پەيدا قىلغان. ئەمما بۇ يوللار ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىگە خاس مۇقەددەسلىك تۈسىنى ئالغان. چۈنكى بۇ يوللار ھەرقاچان مۇقەددەس سانىلىدىغان جايلارغا چېتىلىدۇ.»

تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1644-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ۋە چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان مانجۇلار 1759-يىلى «ئالتە شەھەر» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئومۇمى ھاياتىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش بارلىققا كەلمىگەن. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا چىڭ سۇلالىسى بۇ جايغا يەرلىك خوجىلارنىڭ ۋاسىتىسىدە ۋاسىتىلىك ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇ باسقۇچ ھەققىدە سۆز بولغاندا رايان سام مانجۇلارنىڭ ئالتەشەھەر رايونىنى ئىشغال قىلىشىنىڭ بىر قېتىملىق «كۈتۈلمىگەن ئىستىلا» بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە سىلەرنىڭ رادىيونى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ۋاقتىدا ‹ئالتەشەھەر› نامىدا مەلۇم بولغان بۇ رايون چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭ دەۋرىدە ئىستىلا قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. ھالبۇكى، چيەنلوڭ پادىشاھ ئەمەلىيەتتە ئالتەشەھەر رايونىنى قانداقتۇر بىرەر مەقسەتتە ئىستىلا قىلىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان. چۈنكى چيەنلوڭ پادىشاھنىڭ بۇ رايوننى ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ياكى شۇنداق بىر ئارزۇدا بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا چيەنلوڭ پادىشاھ (ھازىر ‹جۇڭغارىيە› دەپ ئاتىلىدىغان دائىرىدىكى) جۇڭغار موڭغۇللىرىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خانىدانلىقىنى ھالاك قىلغان. ئەمما چيەنلوڭ پادىشاھ ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىنى سوراۋاتقان جۇڭغار موڭغۇللىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن بۇ جۇڭغارلارنىڭ ئالتە شەھەر رايونىغىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. چىڭ خانىدانلىقىنىڭ تارىخىي دۈشمىنى بولغان جۇڭغار خانلىقىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ئۆزلىرى ھالاك قىلغان بۇ موڭغۇللارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئالتە شەھەر رايونىنىمۇ تېزلا ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. شۇنداق قىلىپ ھېچقاچان ئالتە شەھەر رايونىنى ئىستىلا قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان چيەنلوڭ پادىشاھ بۇ رايونغا قوشنا بولغان جايلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئالتەشەھەرنىمۇ قوشۇپلا چۆنتىكىگە سالغان.»

چىڭ سۇلالىسى ئەنە شۇ يوسۇندا ئالتەشەھەر رايونىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىلەر ئۆزگەرمىگەن. بولۇپمۇ شۇ دەۋرلەردىكى زىيالىيلار ھېسابلىنىدىغان دىنىي زاتلارنىڭ قولىدىن چىققان تەزكىرە تېكىستلىرى شۇ ۋاقىتتىكى يەرلىك مۇسۇلمان خەلقنىڭ بىر پۈتۈن ئوي-پىكرىنى ئۆزىگە تېگىشلىك رەۋىشتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بىز نۆۋەتتە خىتايدىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە خىتاي ئالىملىرىنىڭ ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئوردا تارىخىدىن باشقا ھېچقانداق يەرلىك مەنبەلەرنى ياكى تەزكىرە تېكىستلىرىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدىغانلىقىنى، ئەمما «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق ئەسەردە بۇ خىلدىكى تەزكىرە ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي مەنبەلەر سۈپىتىدە كۆپلەپ قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا دوكتور رايان سام بۇ تەزكىرىلەرنىڭ ئۆزگىچە قىممىتىنى باشقا مەنبەلەرنىڭ تولدۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تەزكىرىلەر مېنىڭ نەزىرىمدە بەكمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ تەزكىرىلەردىن يۈز يىل ياكى ئىككى يۈز ئىلگىرىكى شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى ھەققىدە قانداق ئوي-پىكىرلەردە بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ خىلدىكى مەلۇماتلارنى (خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ) ئوردا تارىخنامىلىرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ، ھەتتا چاغاتاي ياكى فارسىي تىلىدىكى مەنبەلەردىنمۇ بۇ خىلدىكى مەلۇماتلارنى تاپقىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ مەنبەلەر ئاساسەن شۇ زاماننىڭ سەرخىللىرى بولغان زاتلار ھەققىدىكى يۈزەكى مەلۇماتلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئەمما تەزكىرىلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بىز دەۋاتقان بۇ تەزكىرىلەرنىڭ تولىمۇ مۇھىم بولۇشىدىكى بىر سەۋەب بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاۋام خەلق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆتمۈش مۇساپىلىرى، يەنە كېلىپ ئالتەشەھەرنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىكى خاتىرىلەر بولغانلىقىدۇر. شۇڭا بۇ تەزكىرىلەرنى شۇ جەمئىيەتتىكى ئاددىي ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئوي-پىكرىنى چۈشىنىشتىكى تولىمۇ قىممەتلىك كۆزنەكلەر ھېسابلىنىدۇ.»

دوكتور رايان سامنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۇلتۇز كەبى تارقالغان، ئەمما نۆۋەتتە بارغانسېرى يوقىلىپ كېتىۋاتقان مازارلار ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تارىخ تۇيغۇسى، كىملىك چۈشەنچىسى ۋە ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مەركەزلىك رولىنى ئويناپ، ئۇيغۇر مەنىۋى دۇنياسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىشىنى سورۇن بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مازارلارنىڭ كۆپ خىل رولى بولغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى شۇكى، بۇ مازارلار كۆپىنچە مەھەللىلەرگە قوشنا بولغان ئورۇنلارغا جايلاشقان، بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر بولسا بۇ مازارلاردا ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردىكى ئىبادەتلىرىنى داۋام قىلغان. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلىرىنى مۇشۇ مازارلىقلارغا دەپنە قىلغان ھەمدە مۇشۇ جايلاردا ئۇلارنىڭ دەپنە مۇراسىملىرىنى تاماملىغان. يەنە بىرى، بۇ كىشىلەر يىراق جايلاردىكى مازارلارنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە سەپەر قىلغان. ئۇلار بۇ جايلارغا توپلانغاندا بولسا دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆملۈك ۋە كوللېكتىپلىق تۇيغۇسىدا بولغان، شۇنداقلا ئۆزگىچە بولغان مۇقەددەس ياكى دىنىي تۇيغۇلارغا چۆمگەن. يەنە بىر ياقتىن مۇشۇ مازارلاردىكى بايراملاردا كىشىلەر ئۆزىگە يارىشا سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. شۇڭا بۇنداق مازار سەيلىسى ئۆز نۆۋىتىدە چوڭ تىپتىكى بازار رولىنى ئوينىغان. مەن بولسام كىتابىمدا ئاساسلىقى مازارلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى روللىرى توغرىسىدا توختالدىم، جۈملىدىن شۇ قاتاردا كىشىلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە دەل مۇشۇ خىلدىكى مازارلاردا بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدىم. چۈنكى (ئۆزئارا ئالاقە تولىمۇ كەمچىل بولغان ئۇ زامانلاردا) كىشىلەر مۇشۇ خىل شەكىلدە بىر-بىرىنى بىلگەن. مەسىلەن، قەشقەر، كۇچار، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى مازار سەيلىسىدە ئوخشاش بولمىغان يۇرتلاردىن كەلگەن كىشىلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بىر زاتقا ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ كىشىلەر مۇشۇ خىلدىكى مازار سەيلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىدىن خەۋەردار بولغان. مەسىلەن، ئوردام پادىشاھ مازىرىنى ئالىدىغان بولساق بۇ جايدا بولىدىغان مازار سەيلىسىدە كىشىلەر تارىختىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا چېتىلىدۇ، دەپ قارىلىدىغان ئەلى ئارسلان خان ھەققىدە مەلۇماتلىق بولىدۇ ھەمدە شۇ رايوننىڭ تارىخى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. ھازىرقى كۆپلىگەن تەتقىقاتلار شۇ جايلاردىكى مەھەللىلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئورتاقلىشىشىدا مۇقەددەس سانىلىدىغان قوليازما تېكىستلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپادا كىشىلەردە ئورتاق تارىخ ۋە كىملىك چۈشەنچىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا باسما تېخنىكىسىنىڭ ئىجاد بولۇشى بەك چوڭ رول ئوينىغان. ئەمما ئالتەشەھەر رايونىدا بولسا ئىنسانلارنىڭ تارىخ نۇقتىلىرىغا قاراپ يۆتكىلىشى بۇ چۈشەنچىلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا بولۇۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» سىياسىي ھەرىكىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل دىنىي پائالىيەتلەرنى پۈتۈنلەي مەنئى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەنىۋى قۇرۇلمىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.