لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رايان سامنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈشتىكى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئاساسىدا روياپقا چىققان «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق ئەسەردە نۇقتىلىق بايان قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە مازار تاۋاپچىلىقى ۋە تەزكىرە ئەنئەنىسىنىڭ ئوينىغان رولى بولغان.
1930-يىللىرى ئۇنتۇلغىنىغا ئۇزۇن ئەسىرلەر بولغان «ئۇيغۇر» نامىنى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى كۆپلەپ قوللانغان. ئەمما بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت دۇنياسىدىكى دۇردانىلەر ھېسابلانغان مازار ئامىلى بۇ كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مەن يەرلىك ۋە رايونلۇق مىقياستىكى كىملىك چۈشەنچىسى ھەرقايسى جايلاردىكى مازارلارنى تاۋاپ قىلىشنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ھاسىل بولغان، دەپ قارايمەن. ئەمما ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كىشىلەر، يەنى ‹ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولۇشقا ھەقلىق› دەپ قارايدىغان ئاشۇ كىشىلەر بولسا ئەمەلىيەتتە ئاشۇ خىلدىكى رايونلۇق كىملىك چۈشەنچىسىنى ياراتقان مازار مەدەنىيىتىگە قارشى پائالىيەتلەردە بولغان كىشىلەردۇر. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاشكارا ھالدا مازارلارغا قارشى چىققان ھەمدە مازارلارنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىيەت دۇنياسىدىكى كۈچ-قۇدرىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئىستىگەن. شۇڭا مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن بىز مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە بىر تۈرلۈك بۆلۈنۈش بولغان، دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا 1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى بۇ خىلدىكى مازارلاردىن خالىي بولغان باشقا بىر ئىدىيەنى بەرپا قىلماقچى بولغان.»
رايان سامنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجۇققان مىللەتچىلىك ئىدىيەسى 1980-يىللارغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم تەدرىجىي باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى ئارقىلىق جامائەتكە سۇنۇلغان. ئەمما مۇشۇ يېڭى يۈزلىنىشتە بۇ يازغۇچىلار ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى مازار تېمىسىنى ئۆز ئەسەرلىرىگە مەنبە قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئىككىنچى تۈرلۈك بولغان يەنە بىر خىل ھادىسە 1980-يىللاردا، يەنى بۇ مىللەتچىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر تۈركۈم مىللىي قەھرىمانلارنى يارىتىشقا تەمشەلگەندە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ ۋاقىتلاردا مىللەتچى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بىر تۈركۈم قەھرىمانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى. يەنە كېلىپ ئاشۇ ‹يەرلىك قەھرىمانلار›نىڭ بىر قىسمى دەل مۇشۇ مازارلارغا دەپنە قىلىنغان ئىدى. مەسىلەن، بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك مىسال قاتارىدا سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مىللەتچىلەر بۇ مەزمۇنلارغا نەزىرىنى ئاغدۇردى ھەمدە تاۋاپچىلىق ۋە تەزكىرە ئەدەبىياتىدىن تاللانغان مەزمۇنلارنى مىللەتچىلىك روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلاندۇرماقچى بولدى. ئۇلار بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشنى باشلىغاندىن كېيىن تەزكىرىلەردىن كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى ۋە ئەدەبىي تەسۋىر ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگەكلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ‹تارىخىي رومان› ياكى ‹بىئوگرافىك رومان› شەكلىدە تەقدىم قىلىندى. مەسىلەن، سەيپىدىن ئەزىزى يازغان ‹ساتۇق بۇغراخان› رومانى ئەنە شۇنداق بولدى.»
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى باش كۆتۈرگەن ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلاردىكى مازار مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان تەزكىرىچىلىكمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مازار ئەنئەنىسى ۋە تەزكىرىچىلىكنى مەنئى قىلىشىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا دەل مۇشۇ خىل ھادىسىلەرنى چىقىش قىلغان دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
3. «شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىم ۋادىسىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئالتەشەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېڭىدا مىللىي ئۇيۇشچانلىق تۇيغۇسىنى قوزغاشتا بۇ مىللەتچىلەر مەۋجۇت رېئاللىقتىنمۇ زور دەرىجىدە پايدىلاندى. ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇيۇشچانلىق ۋە كوللېكتىپلىق تۇيغۇسىنى بەرپا قىلىشتا يەرلىك تەزكىرىلەردە ئاللىقاچان مۇقىملىشىپ كەتكەن قاراشلارنىڭ ياردىمىدە مىللىي كىملىكنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە تەزكىرىلەرنىڭ رولى بەكمۇ چوڭ بولدى. باياتىن مەن تىلغا ئالغاندەك، بۇ تەزكىرىلەر شۇ مىللىي توپنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە پۈتۈنلەي باشقىچە بىر تەسۋىرنى نامايان قىلىدۇ. دەرۋەقە ئۇلاردا ھېچقاچان ئۇيغۇر دېگەن نام تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدا ‹مۇسۇلمان› دېگەن ئاتالغۇ دائىم كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ تەزكىرىلەردىكى ‹مۇسۇلمان› كىشىلەر ئۈچۈن بىر مۇسۇلمان بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ‹ئىز› رومانىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىشىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق. ئەمما مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي دۆلىتى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوبرازىدىن تولىمۇ يىراقتىكى نەرسىلەر ئىدى. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەزكىرىلەرگە قاراتقان چەكلىمىلىرىدە ھەمدە ئۇلارنى يوقىتىۋېتىش ھەرىكەتلىرىدە مۇنداق بىرنەچچە ئامىل بولۇشى مۇمكىن، دەيمەن: بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قوليازمىلارنى ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىغا خىرىس پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىغان؛ يەنە بىرى بۇ ئەسەرلەردىكى دىنىي مەزمۇنلار ئۇيغۇرلارنى ‹ئەسەبىيلىك›كە باشلايدۇ، دەپ ئەنسىرىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ قوليازمىلار ھېچقاچان سۈزگۈچتىن ئۆتۈپ باققان كىتابلار ئەمەس ئىدى.»
رايان سام ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىۋاسىتە تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا ھېس قىلغان يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بۇ ئەنئەنىلەرنىڭ تاشقى مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن بىپەرۋا ھالدا ئىزچىل داۋام قىلىشى ئىكەن. گەرچە نۆۋەتتىكى چەكلەش تەدبىرلىرى بۇ ھادىسىلەرنى مەلۇم ۋاقىت نەزەردىن ساقىت قىلىشقا قادىر بولالىسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت دۇنياسىغا تۇتاشقان بۇ «مۇقەددەس يول» نىڭ شارائىت يول بەرگەندە يەنە بىر قېتىم زاھىر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مازارلارغا بولغان بۇ خىل ھۆرمەت زامانىمىزغا كەلگەندىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يوقاتمىغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە مازار تاۋاپچىلىقىنى قاتتىق چەكلىدى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشىگە ھازىر بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، مازار تاۋاپچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ھادىسىلەردۇر. مەن 2004-يىلىدىن تاكى 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر يىلى مۇشۇ مازارلاردا تەكشۈرۈشتە بولدۇم. شۇ جەرياندا مەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشتىم ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ تارىخنى ئاشۇ مەشھۇر زاتلارنىڭ نامىغا بىنا قىلىنغان ‹ مازار سىستېمىسى› غا تولىمۇ يېقىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىلىشىمچە، بۇ كىشىلەر 1980-يىللاردا ۋە 1990-يىللاردا شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان مىللەتچىلىك روھىدىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. يېزا-قىشلاقلاردىكى ‹ساتۇق بۇغراخان› ياكى ‹ئاپئاق خوجا› رومانلىرىنى ئوقۇپمۇ باقمىغان بۇ كىشىلەر ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئاشۇ مازارلارغا تۇتاشقان يوللاردىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن ئىدى. خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل مازار ئەنئەنىسى يوقىلىپ كەتكىنى يوق، ئۇ ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ كەلگەن. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى قاباھەت ئاياغلاشقاندا مازار ئەنئەنىسىنىڭ يېڭىۋاشتىن جانلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىدۇ، دەپ قارايمەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تەزكىرىچىلىك قىسمەن رايونلاردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يوشۇرۇن رەۋىشتە داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زور كۆلەمدە مەۋجۇت بولالماسلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھادىسە بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00