تارىخىي ۋەقەلەر شاھىتى: سوۋېت ئىتتىپاقى 1960-يىللىرى ئۇيغۇر قەرتىنى ئويناشقا كىرىشكەن ئىدى (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.11.26
qehriman-ghojamberdi-305.jpg د ئۇ ق سابىق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

1960-يىللاردا سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلەشكەن مەزگىلىدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرىشىمۇ داۋام قىلدى. بۇ كۈرەش بولۇپمۇ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلەشكەن پەيتتە، يەنى 1966-يىللاردىن كېيىن، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا خىتاينىڭ تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» ناملىق بىر چوڭ تەشكىلات پەيدا بولۇپ، بۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلاردىن ۋە سىياسىي مەقسەتلەردىن كېلىپ چىققان ئىدى. بۇ تەشكىلات خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇش جەريانىدا بىر قىسىم ئەزالىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىپ ساق قالغان ئىدى.

ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان سابىق شەرقىي تۈركىستان خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ سابىق ئەزاسى ئابدۇرېشىت ئىلياسوفنىڭ ئەسلىشىچە، يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرۈلۈشىگە بولۇپمۇ 1950-يىللىرى باشلانغان سىياسىي تەقىبلەشلەر سەۋەب بولغان ئىكەن. ئەمدى 1966-يىلى پۈتكۈل خىتاي بويىچە باشلانغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاقىۋىتىدە ئاھالە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئازابلارغا دۇچار بولغان. ئابدۇرېشىت ئىلياسوف مۇنداق دېدى: «بۇ چاغدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم كۈچلۈك بولدى. خەلق ئىچىدە بۇنىڭغا نىسبەتەن نارازىلىق كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولدى. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغاندىن كېيىن بىز بورتالادا ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق. بۇنىڭدا سوۋېت ئىتتىپاقى قوللايدۇ دېدۇق. 1968-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بەش كىشىلىك ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتكەن. بىز شۇلارنىڭ جاۋابىنى كۈتمەكچى ئىدۇق».

شەرقىي تۈركىستان خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلماقچى بولغان؟ بۇ ھەقتە ئابدۇرېشىت ئىلياسوف مۇنداق دېدى: «پارتىيە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھەرىكەت قىلدى. ئۇ سىرتتىن ياردەمنى ئاساس قىلغان. ئۆزىدە ھېچ نەرسە يوق. پىلان بويىچە قوزغىلىش، مەسىلەن، بورتالادا باشلانسا، بىز ئۇ ياقتىن كىرىپ، بازىنى ئىگىلەپ ياتىمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق.»

ئابدۇرېشىت ئىلياسوفنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ تەشكىلات سوۋېت-خىتاي رىقابىتىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم كۈتكەن ۋە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان ئىكەن. چۈنكى، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خىتاينى ئەيىبلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ئەھۋالىدىن ئۆزلىرىگە سوۋېتلار ئىتتىپاقى ياردەم بېرىدۇ دە ئىشەنگەن ئىكەن.

ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەخپىي ۋەكىللەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پارتىيە، مەخسۇس ئورگانلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ مەقسىتى ۋە ۋەزىپىلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولغان تەقدىردە سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەمدۇ دېگەڭە ئوخشاش مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۆزلىگەن ئىكەن. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلاردىن جاۋابمۇ بولمىدى. تەشكىلات رەھبەرلىرى قوزغىلىدىغان بولدۇق دەپ، ھەممە نەرسە تەييار بولغاندا، قوزغىلىدىغان كۈنى ھەممىنى كېيىنگە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى بىر-بىرىنى تونۇپ كەتتى. 1969-يىلى ئاپرېلغا كەلگەندە بورتالادا بىرىنچى تۇتۇش باشلاندى. بىزنىڭ بىر نەچچە بالىلارنى تۇتۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىن چىقىپ كەتمىسەڭلار بولمايدۇ دېدى. بىز شۇ ۋاقىتتا 170تەك بالا بۆلۈنۈپ-بۆلۈنۈپ چىقتۇق».

ئابدۇرېشىت ئىلياسوفنىڭ ئېيتىشىچە، خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسى ئەزالىرى ۋە باشقىلارنى سوۋېت-خىتاي چېگراسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلار خېلى ئۈمىدلەندۈرگەن ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سوۋېت ۋە خىتاي چېگراسىدىكى تۇنجى قوراللىق توقۇنۇش 1969-يىلى مارت ئېيىدا دامانسكىي ئارىلىدا يۈز بەردى. بۇ خىتاي ۋە رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق توقۇنۇش بولغان ئىدى. يەنە بىر قوراللىق توقۇنۇش شۇ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى جالاناشكۆل كۆلى بويىدا ئورۇن ئالغان.

ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ سوۋېتلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىمۇ قۇرۇق بولۇپ چىقتى ۋە خىتاي بۇنى 1969-1970-يىللىرى تامامەن باستۇرۇپ تاشلىغان ئىدى.

قازاقىستاندىكى سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىقلار، ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كەڭ دائىرىدە ۋە بىر تۇتۇش بولمىغان ئىكەن. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل باستۇرغاندىن كېيىن، جاي-جايلاردا ئاممىۋى ئېتىش، تۇتۇش ۋە تۈرمىگە تاشلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك خىتاي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتكۈل ئىزىنى يوق قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كوممۇنىستىك ئىدىيە بويىچە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. مۇشۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار داۋاملىق قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتتى».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 1960-يىللاردىن كېيىن، يەنى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىرىك قالغان بىر قىسىم مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت تەرەپدارلىرى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش يۈرگۈزۈش قارارىغا كەلگەن ئىكەن. 1962-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسى ئەنە شۇ كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ 60 مىڭغا يېقىن ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ مەركىزىي ئۈرۈمچى شەھىرىدە، شۇنداقلا باشقا شەھەرلەردە ئۇنىڭ بۆلۈملىرى ھەرىكەت قىلغان.

قەھرىمان غوجامبەردى خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ پىلانى پاش بولغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئاممىۋى تەقىبلەشلەرنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەر ئېتىلىپ كەتتى. نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە قامىدى».

تارىختىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرى 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلەپ، 5 يىل مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، يېن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىنكى ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قەتىملىق تەشكىللىك قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.