تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا 2 كىتاب نەشر قىلىندى
2018.07.18

ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى تۈركىيەدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس دەرس سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇپ كېلىنمەكتە. ئۇيغۇر تارىخچىلار يازغان كىتابلارمۇ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلماقتا.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدا مائارىپنىڭ چەكلىنىشى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە. 1940-يىللاردا پولات قادىرى يازغان «ئۆلكە تارىخى» ناملىق ئەسەر ئۇيغۇر تىلىدا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئۇيغۇر شائىر ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى» ناملىق ئەسەر ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى.
بۇ ئەسەرلەر ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغۇچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختالدى.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارغا بولغان تەلەپنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىز ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان 2 كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ سۆزلىشەلمىدۇق.
ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى» ناملىق كىتاب 5 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1-باب، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك تارىخى، 2-باب، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، 3-باب، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، 4-باب شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئېتىقاد، 5-باب يېقىنقى زاماندا شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن تارىخىي شەخسلەر قاتارلىق تېمىلاردىن تەركىب تاپقان.
كىتابنى نەشر قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ چەتئەلدە چوڭ بولۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئۆگىتىش، مىللىي كىملىكنى قوغداپ قېلىشقا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تارىخچى ۋە ژۇرنالىست پولات قادىرى 1940-يىللاردا «ئۆلكە تارىخى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالتاي نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. 1980-يىللارغا كەلگەندە ئالتاي نەشرىياتىدا بېسىلغان نۇسخىسى كۆپەيتىپ تارقىتىلغان. كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھون دۆلىتى مەزگىلىدىن 1940-يىللارغىچە بولغان تارىخى بايان قىلىنغان. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر كىتابنى تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن قالسا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن ئانا تىل مەكتەپلىرىمۇ ئېچىلدى. ئابدۇجېلىل تۇران دېگەندەك ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيگەن. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىغا قىزىقىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تارىخىنى بىلمەيدىغان مىللەتنىڭ ئېسىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ياش ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىتىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئۆلكە تارىخى» نىڭ ئاپتورى پولات قادىرى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن كەشمىر ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەدە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن گېرمانىيە ميۇنخېندىكى ئازادلىق رادىيوسىدا ئىشلىگەن. پولات قادىرى ئەپەندى 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان ئىدى.