ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر يەنە بىر يېڭى ئەسەر «خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ھاياتى»

0:00 / 0:00


ئاۋىسترىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى 2015 - يىلى 10 - ئايدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسى بويىچە دوكتۇرانتى ئېدېن جېفنىڭ «خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ھاياتى» ناملىق تۇنجى يىرىك ئەسىرىنى نەشر قىلدى. مۇئەللىپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خوجا مۇھەممەد شەرىف 16 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان خوجىلاردىن بولۇپ، ئۆز زامانىسىدىكى سۇفىزم ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر دىنىي يېتەكچىسى بولغان. خوجا مۇھەممەد ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەنبىيالار ھەققىدىكى قىسسەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تارىختا ئۆتكەن خوجا مۇھەممەد شەرىف سەمەرقەنتتىكى ئۇلۇغ بەگ مەدرىسىدە ئوتتۇز يىل ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن قەشقەردىكى سۇتۇق بۇغراخان قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئىستىگىدە قەشقەرگە سەپەر قىلغان. شۇنداقلا قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ جايدىكى ئەڭ مەشھۇر مازارلاردىن بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ شەيخلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئالىملار خوجا مۇھەممەد شەرىفنى «تەزكىرەئى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» نىڭ ئاپتورى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى 1514 - يىلى يەكەندە قۇرۇلغان سەئىدىيە دۆلىتى ئوردىسىدا ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە دىنىي ئۇستازلاردىن بولۇپ قالغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئورتاق پىكرىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتتا مەنبەلەر ھەققىدىكى تەتقىقات ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، سىياسىي سەۋەبلەر ۋە تەتقىقاتقا كېرەكلىك ئىقتىسادنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن، مەيلى خىتايدا بولسۇن ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتتا يېڭى نەتىجىلەر كۆپ ئەمەس.

ئەينى ۋاقىتتا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر مەدىنيەت تەتقىقاتچىسى قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، جېف ئېدېننىڭ مەزكۇر ئەمگىكى زور قىممەتكە ئىگە.

«خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ ئەسەر تارىخىي شەخس بولغان خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلى قوليازمىنىڭ بەتلەر بويىچە تارتىلغان تولۇق فوتو نۇسخىسى، ئەسلى تېكىستنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىنگلىزچە تەرجىمىسى، شۇنداقلا جېف ئېدىننىڭ ئاشۇ دەۋر ۋە خوجا مۇھەممەد شەرىف ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ئاساسەن يېزىلغان تونۇشتۇرۇش ماقالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى يەنە «ئىلاۋە» نامىدا بېرىلگەن بىر قوشۇمچە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ بۆلەكنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتتا يېتىلىۋاتقان ياش تارىخشۇناسلاردىن رىيان تۇم ۋە دېيۋىد بروفېي تەييارلىغان.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىلىق دوكتۇر قاھار بارات ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر ئەمگەككە ناھايىتى يۇقۇرى باھا بەردى.

زىيارەت جەريانىدا بىز، خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا جېف ئېدېن مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، خوجا مۇھەممەد شەرىف ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئارىدىن تۆت ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ قەبرىسىنى ئىزچىل تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى خاتىرىلەرنى تەۋەرۈك دەپ قارايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى سۇفىزىمغا باغلىنىشلىق مۇسۇلمانلار ئەدەبىياتىدا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ پاساھەتلىك بايان شەكلى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ خوجا مۇھەممەد شەرىف شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇفىزم تەرىقىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا چوڭ رول ئوينىغان ئاساسلىق شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخىدىكى ئاچقۇچلۇق شەخسلەردىن بولغان سۇلتان ئابدۇرېشىدخاننىڭ ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى. مۇشۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا، مۇھەممەد شەرىف ئۆز زامانىسىدىكى خوجىلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خوجىلارنىڭ بىرى بولغاچقا، مەن تەتقىقاتىمدا مۇشۇ تېمىنى تاللىدىم.»

خوجا مۇھەممەد شەرىف ياشىغان دەۋرنىڭ قانداق بىر تارىخىي دەۋر بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا جېف ئېدېن باشقا تارىخىي باسقۇچلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ مەزگىل ھەققىدە ئىلىم ساھەسىگە كۆپ نەرسە مەلۇم ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد شەرىف شەرقىي تۈركىستاندا سۇفىزم خوجىلىرىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر تارىخىي شارائىتتا قەشقەرگە كەلگەن. بۇ مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلار بىردەك مەشھۇر دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ھەمدە سۇفىزىم يولباشچىلىرىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا 16 - ئەسىر شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى تىنچلىققا تويۇنغان بىر مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىللەردە سۇلتان سەئىد خان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىد خان تارىم ئويمانلىقىنى ئىدارە قىلغان، شۇنداقلا تۇرپاندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئۆز قېرىندىشى سۇلتان مەنسۇرخان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئورناتقان. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا خاتىرجەملىك ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بارلىققا كەلگەن.»

خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئېمىن خوجىنىڭ 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، يەنى چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار موڭغۇللىرىغا قارشى غەربكە يۈرۈش قىلغان مەزگىللەردە تۇرپاننىڭ يەرلىك ھۆكۈمرانى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆز رەقىبى بولغان جۇڭغار موڭغۇللىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا تەسلىم بولۇپ «ئېمىن ۋاڭ» دېگەن جاساقلىق مەرتىۋىگە ئىگە بولغانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېمىن ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان «ئېمىن ۋاڭ مۇنارى» نى مىللىي ساتقۇنلۇقنىڭ سىمۋولى، دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا جېف ئېدېن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ باقمىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىرچە بۇ مەزمۇنلارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز جېف ئېدىننىڭ تەتقىقاتتا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ زىيارىتىمىزنى ئاخىرىلاشتۇردۇق.