شىۋېت ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر تېمىسى

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقى دىققەتكە سازاۋەردۇر.

شۋېتسىيە ئارخىپلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېتلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 1709-يىلى شۋېتسىيە ئارمىيىسى رۇسىيە قىسىملىرى بىلەن پولتاۋادا ئېلىپ بارغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى شىۋېت تۇتقۇنلىرى رۇسلار تەرىپىدىن سىبىرىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي چېگراسىغا يېقىن جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن شىۋېت ھەربىي ئەسىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى باشلانغان. 1737-يىلى شىۋېت ئارمىيىسىنىڭ مايورى گۇستاف رېنات ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىرگىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 17 يىللىق تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ستوكھولمغا قايتىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن بىللە خوتەنلىك ئۈچ نەپەر دېدەك قىزنى شىۋېتسىيەگە ئېلىپ كەلگەن. 1730-يىللىرى سىبىرىيەدە تۇتقۇنلۇقتا تۇرغان يەنە بىر شىۋېت ئوفىتسېر فىلىپ يوھان ستراھلېنبېرگ ئۆزى بىلەن بىللە سىبىرىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى كىرگۈزۈلگەن خەرىتىنى ئېلىپ ستوكھولمغا قايتىپ كەلگەن.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىگە كەلگەندە شىۋېت ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىدىن سۋېن ھېدىننىڭ تارىم ئويمانلىقى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەمدە شىۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلار تېمىسىنىڭ شىمالىي ياۋروپاغا تونۇلۇشىنى تېزلەتكەن.

شىۋېت مىسسىئونېرلىرىدىن دوكتور گۇستاف راقۇېت 1896-يىلىدىن 1921-يىلىغىچە بولغان 25 يىل جەريانىدا قەشقەر ۋە يەكەندە تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ ئىشتىن سىرت ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرمۇنچە ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىنى تېما قىلغان «قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەفەندىگە يازغان خېتى» ناملىق ئەسىرى ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. ئەسەر جەمئىي 6 پارچە خەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئىستانبۇل ۋە بېيرۇتلاردا ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن قەشقەرلىك باي سودىگەرنىڭ ئوغلى قاسىم ئاخۇننىڭ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى دوستى كامىل ئەپەندىگە بىر يۈرۈش مەكتۇپ يوللاپ، ئۆز ھېسسىياتىنى بايان قىلغانلىقى تېما قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئۇسلۇب جەھەتتىن فىرانسىيە يازغۇچىسى مۇنتېسكىيونىڭ «پارس مەكتۇپلىرى» ناملىق مەشھۇر رومانىغا تەقلىد قىلىنغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

زۇلھايات خانىم شىۋېتسىيە ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مارىيە گۇستاف تەرىپىدىن يېزىلغان «لوۋىسانىڭ خەتلىرى» ناملىق ئەسەر ھازىرقى زامان شىۋېت ئەدەبىياتىدىكى ئۇيغۇرلار تېمىسىدا يېزىلغان يەنە بىر مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئەسەر شىۋېت مىسسىئونېرلىرى تەركىبىدە دەسلەپ قەشقەرگە بارغان، كېيىن ئۇزاق مەزگىل ئۇيغۇر يىگىت توختاخۇن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ كۇچادا ياشىغان لوۋىسانىڭ شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسىغا يازغان 200 پارچە خەتلىرى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ 1901-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مەشھۇر شىۋېت يازغۇچىسى يان مۈردال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بارغان. داۋالغۇپ تۇرغان ئاشۇ يىللاردا غەربلىك مۇخبىرلارغا ناھايىتى ئاز نېسىپ بولىدىغان بۇ پۇرسەتتە ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى ئايلىنىپ چىققان. 1977-يىلى ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھىتى ئاساسىدا يېزىلغان «يىپەك يولى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ھەمدە نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان. بۇ ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىدە شىۋېت ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كەڭ دائىرىدە چۈشەنچە بەرگەن.