مارك جېكىنس: ئالتاي تاغلىرىدىكى تۇنجى چاڭغا تېيىلغۇچىلارنىڭ ئىزنالىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. مانا بۇلاردىن بىرى بولغان قىش پەسلىدىكى چاڭغا تېيىلىشتىن ئىبارەت تەنتەربىيە تۈرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئالتاي تاغلىرىدا دۇنيادا ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەسلەپكى قاراشلار ئالىملار تەرىپىدىن يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان ناشىنال جۇغراپىيە ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق دېكابىر ئېيىدىكى سانىدا مارك تەرىپىدىن يېزىلغان «تۇنجى چاڭغا تېيىلغۇچىلارنىڭ ئىزنالىرى ۋە خىتايدىكى ئالتاي تاغلىرىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە چاڭغا تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە تۈرىنىڭ مىلادىدىن سەككىز مىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدا بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خىتاي ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرى، ھازىر دۇنيادا بەس-مۇنازىرە قوزغاۋاتقانلىقى، ئەمما بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنىلا ئىزچىل ھالدا «چاڭغا تېيىلىش يېقىنقى زاماندا بارلىققا كەلگەن تەنتەربىيە تۈرى» دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئارخېئولوگلار ئەڭ دەسلەپتە بايقىغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى قەدىمكى چاڭغىلارنىڭ تارىخى ئۈستىدە توختىلىپ «رۇسىيەدىكى بېشى بۇغا مۈڭگۈزى شەكلىدىكى چاڭغىنىڭ 6000 يىللىق، شىۋېتسىيەدىكى 3200 يىللىق، ئامېرىكىدىكى 1860 يىللىق، نورۋېگىيەدىكى 1800 يىللىق، فىنلاندىيەدىكى چاڭغا 750 يىللىق تارىخىغا ئىگە» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە يەنە يۇقىرىدا دېيىلگەن قەدىمكى چاڭغىلارنىڭ ياسىلىشى، ئۇزۇن-قىسلىقى، چاڭغا ياساشقا ئىشلەتكەن ماتېرىياللىرى كۆرسىتىلگەن.

ئالتاي تاغلىرىدىكى سەككىز مىڭ يىللىق تارىخىغا ئىگە دېيىلگەن ياغاچتىن ياسالغان چاڭغىلارنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئاساسلىقى ئاتنىڭ قىلى ئىشلىتىلىدىغانلىقى، ئات قىلى چاڭغا ياساشتىكى ئاساسلىق ماتېرىياللاردىن بىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى چاڭغىلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى چاڭغىلاردىن ئۆزگىچە پەرقلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە ئالتايدىن تېپىلغان تاشلارغا ئويۇلغان چاڭغا تېيىلىپ بۇغا ئوۋلاۋاتقان تاش سۈرەتمۇ بېرىلگەن شۇنداقلا ئاپتور ئالتايدا ئۆزى سۆھبەتتە بولغان 77 ياشلىق تۇنتۇقنىڭ بۇغا، ئېيىق قاتارلىق ھايۋاناتلارنى چاڭغا تېيىلىپ ئوۋلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئالتاي تاغلىرىنىڭ رۇسىيە، قازاقىستان ۋە موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ تاغلاردا ھازىر ئاساسلىقى تۇۋالارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە مارك ئالتاي تاغلىرىنى كەزدۈرۈۋاتقان تۇرسۇن ئىسىملىك توۋا يىگىتنىڭ تاغدا كېتىۋېتىپ توساتتىنلا يولدىن توختاپ «بۇ يەردە بۆرىنىڭ ئىزى تۇرىدۇ. ناھايىتى چوڭ بۆرە ئىكەن» دېگەن بايانى، «بۆرە» سۆزىنىڭ توۋا تىلىدا «بۆرۈ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا ئوۋ ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان ياچاچ شېخىنىڭ «تاياك» دېيىلىدىغانلىقى، تۇۋالار بىر ئىشتىن خۇرسەن بولغاندا ۋە ياكى غەلىبە قازانغاندا ھەمىشە «سيگين» يەنى «سۆيۈندۈم» دېگەن سۆزنى كۆپ قوللىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە ئالتاي تاغلىرىدا ياشاۋاتقان چارۋىچى خەلقلەردىن بولغان تۇۋالارنىڭ تۇرمۇشىدا گۆشنىڭ ئاساسلىق ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىدىن ئىبارەتلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە «ئالتاي نامى خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدە پەقەتلا خەن سۇلالىسى زامانىسىدىن باشلاپلا تىلغا ئېلىنغان» دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىدە ئالتاي تاغلىرىدا بارلىققا كەلگەن ياغاچ ۋە ئات قىلىدىن ياسالغان بۇ خىلدىكى چاڭغىلار تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيىلىك جەھەتتىن داۋاملىق ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز ئالتاي تاغلىرىدا بارلىققا كەلگەن چاڭغا تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە تۈرى توغرىسىدا بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلگىرى چۆچەكتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى خالمات روزاخۇن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.