لېنىن، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ قۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئاسىيا-ياۋروپا سىياسىي ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدە رول ئوينىغان ئىدى.
ئۇنداقتا لېنىننىڭ ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ لېنىننىڭ ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرق ئېزىلگەن خەلقلىرى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ئىشلىدىمۇ؟ بۇ ھەقتە رۇسىيە ئالىملىرى ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان سوۋېت ئارخىپلىرى ئاساسىدا يېڭى ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇ ساھە بويىچە رۇسىيە ئالىملىرىدىن ئانوتولىي بارمىن، بورىس مويسېيېۋ، ۋالېرىي بارمىن، پولىكارپوۋ، نازېمسېۋا ۋە باشقىلار بىر قەدەر كۆپ ئىزدەندى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە لېنىن-ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىر قەدەر ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.