0:00 / 0:00
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كافېدراسى مۇدىرى، تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور دوكتور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىقىشقا باشلىغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.
