پروفېسسور مۇھەممەد ئۆمەر : تۈركلەر ئۇيغۇر تېبابىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىي تېبابىتىنى تاپتى (1)

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى يۈكسەك تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېبابەتچىلىك كەسپى بويىچە دوكتور يېتەكچىسى پروفېسسور مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى بىلەن غەربچە داۋالاش كەسپىنى تەڭ ئۆگىنىپ، مەزكۇر ئىككى خىل داۋالاشنى بىرلەشتۈرگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسىدۇر.

خوتەندە بىر قانچە ئەۋلاد تېبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلق ئىچىگە كەڭ تونۇلغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن مۇھەممەد ئۆمەر ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ يېتەكچى دوختۇرى ۋە رەھبىرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان ھەمدە شۇ جەرياندا نامى خەلق ئىچىگە ياخشى تونۇلغان ئىدى.

تۈركىيەدىكى يۈكسەك تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىلىم پروفېسسورى، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا تونۇلغان ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرى مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيەگە كۆچۈپ چىقىپ يەرلەشكەندىن بۇيان ئاتا كەسپى ئۇيغۇر تېبابىتىنى تۈركىيەگە تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى تېخىمۇ تىرىشىپ، بۇ تېببىي ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يېتەكچى پروفېسسورلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، تۈركىيە جەمئىيىتىدە ئېتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشتى.

بىز دوختۇر مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر بىلەن ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى دوختۇرخانىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگەك مۇساپىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىدۇق.